مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    ياشلار ئاققان ‹‹8–مارت››

    ئامانگۈل2017-03-15 11:23:22شىنجاڭ گېزىتى

      تاھىرجان نىياز، ئاۋ تيەنيۈن

     ‹‹ھۆرمەتلىك قېيىنئاتا – قېيىنئانا، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارنى كۆڭلۈڭلاردىكىدەك قىلالمىغان، رەنجىتىپ قويغان يېرىمىز بولسا كەچۈرۈڭلار، بۇ بىزنىڭ ئازغىنە كۆڭۈل سوۋغىمىز›› دېدى ئامانگۈل توختى بىلەن پاتەم ھىمىت 80 ياشلىق قېينئاتىسى ئەھەت مەخسۇت بىلەن قېيىنئانىسى زىۋىدىخان توختىغا بىردىن تون كىيدۈرگەچ، چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن قېيىنئاتا، قېيىنئانىسىنىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قويۇپ.

     ھەرگىز ئۇنداق دېمەڭلار جېنىم كېلىنلىرىم، سىلەر بىزگە ئۆز قىزىمىزدەك ۋاپادارلىق كۆرسەتتىڭلار. سىلەرگە كۆپ رەھمەت، دېدى ئۇلارمۇ تەسىرلەنگىنىدىن كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالالماي.

     بۇ خىل قىزى ئاتا – ئانىسىغا، كېلىنى قېيىنئاتا – قېيىنئانىسىغا، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ بايراملىق كۆڭۈل سوۋغىسى بېرىش ئارقا – ئارقىدىن داۋاملاشتى. 30 نەچچە قىز، كېلىن ئاتا – ئانا، قېيىنئاتا – قېيىنئانىسىغا بايراملىق سوۋغا بېرىپ، كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىشتى، بۇ مەنزىرە پائالىيەتكە قاتناشقان ھەممەيلەننى تەسىرلەندۈردى، كۆپچىلىك ھاياجان ئىچىدە شادلىق ياشلىرىنى ئاققۇزۇشتى.

     بۇ 4 – مارت شايار ناھىيەسىنىڭ خادادۆڭ بازىرى ئوپقان كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن 107 – قېتىملىق ‹‹8 – مارت›› خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە بولغان ئىش.

     بۇ كۈنى ئەتىگەندىلا كەنت كومىتېتى قورۇسى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانىدى. ئوپقان كەنتىدىكى خانىم – قىزلار كەنت كومىتېتى مەخسۇس ‹‹8 – مارت›› خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن كەنتتىكى 107 خانىم – قىزغا سوۋغا قىلغان ئەتلەس كۆڭلەكلىرىنى كىيىپ، يارىشىملىق پەرداز قىلىپ، توزدەك ياسىنىپ كەلگەنىدى. ‹‹ئاياللارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاياللارمۇ تۆھپە كۆرسىتەلەيدۇ›› تېمىسىدىكى بۇ پائالىيەتكە كەنتتىكى ھەممە ئاياللار قاتناشقاندىن باشقا، قوشنا كەنتتىكى ئاياللار ۋەكىللىرى، ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغانىدى. پائالىيەتتە ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە ئۈچ دېھقان ئايال تەشۋىقاتچى ئاياللار ئۆز – ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا دائىر مەزمۇنلاردا لېكسىيە سۆزلىدى، ئارقىدىن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى مۇشۇ كەنتتىكى ئەلنەغمىچىلەر بىلەن بىرلىكتە قىزىقارلىق، مول مەزمۇنلۇق ناخشا – ئۇسسۇل، ئېتۇت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپ، پائالىيەتكە تېخىمۇ جۇشقۇنلۇق ئاتا قىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.