مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    تۇغقانلار قايتا ئۇچراشقاندا ...

    ئامانگۈل2017-03-15 11:21:23شىنجاڭ گېزىتى

     تۇرغۇن ئىبراھىم

    ـ ئۇ ئەمدىلا چۈشلۈك تاماق يەي، دەپ ئولتۇرۇشىغا تېلېفونى سايرىدى.

    ـ ۋەي، ئاۋۇت ئىنىم، كېلىپ بولدىڭىزما؟ ھازىر ئۆزىڭىز نەدە؟

     ـ شۇنداق ئاكا، كەلگىنىمگە بىرەر سائەتچە بولدى، بىراق ئۆيىڭىزنى تاپالمىدىم.

     شەھەرگە كىرىپلا تېلېفون قىلىمەن دېگەن ئىدىڭىزغۇ، بوپتۇ جىددىيلەشمەڭ ئىنىم، ئورنىڭىزدا ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن ھازىرلا يېنىڭىزغا بارىمەن.

     ئۇ تەييار بولغان تاماققىمۇ قارىماي، ئوغلى چيۇ جىڭ بىلەن ئالدىراش ئىشىكتىن چىقتى.

     پىكاپنى تېزرەك ھەيدىسەڭچۇ ئوغلۇم، ئاكاڭ بەك ساقلاپ كېتىپتۇ، دېدى ئۇ ئوغلىنى ئالدىرىتىپ. ئۇ يېرىم سائەتكە قالمايلا مەركىزىي يولۇچىلار بېكىتىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئىنىسى ئاۋۇت ھوشۇر بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى ۋە ئىنىسىنىڭ خوتۇنى نۇرنىساخان، تۆت ياشلىق ئوغلى ئابدۇللانى ئېلىپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ نەنچاڭ يولىغا جايلاشقان ئاقسۇ گېزىتخانىسىنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى ئۆيىگە كەلدى. ئاۋۇت ھوشۇرمۇ ‹‹قۇرۇقلا كېلىپ قالدىم›› دەپ ئۆزى تېرىغان چامغۇردىن بىر خالتا ئالغاچ كەلگەنىدى.

     ـ مەن سىزنى ئوبدانراق بىر مېھمان قىلىۋالاي، -دېدى ئۇ ئىنىسى چاي ئېچىپ سەل دېمىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن، يۈرىڭە، سىرتقا چىقايلى.

     تۇغقانلار ئاقسۇ شەھىرىدىكى شىمالىي چوڭ كوچا شياڭگېلىلا ئولتۇراق رايونىنىڭ يېنىدىكى ‹‹نەزەرباغ›› ئاشخانىسىغا كىرىپ، تاماق ۋە بىر نەچچە تەخسە قورۇما بۇيرۇتۇپ تاماق يېيىشتى.

     ـ مېنى بەك خىجىل قىلىۋەتتىڭىز ئاكا، دېدى ئاۋۇت ھوشۇر ئاكىسىغا، سىز مېنى يوقلاپ بارغاندا سىزنى قۇرۇقلا يولغا سالغانىدىم، ئىككىمىز تۇغقان بولغاندىن بۇيان ئۆيۈمگە ئىككى – ئۈچ قېتىم باردىڭىز، ھەر قېتىم بارغاندا ئۇن، گۈرۈچ، ياغ ۋە بالىلىرىمنى يېسۇن دەپ بىر مۇنچە يېمەكلىك ئاپاردىڭىز، مەن بۇنىڭدىن بەكلا خىجىل بولۇۋاتىمەن.

     تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدا سېنىڭ – مېنىڭ دېيىشسەك ياخشى تۇغقان بولغىلى بولمايدۇ ئۇكام، ھەرگىز خىجىل بولماڭ، بىز بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ ئېجىل – ئىناق ئۆتسەكلا شۇ كۇپايە.

     ـ بۈگۈن يەكشەنبە بولغاندىكىن خالنۇر بىلەن دىلنۇرنىمۇ بىللە ئالغاچ كەلمەپسىز ئۇكام، بىزنىڭ ئۆينى كۆرگەچ ئويناپ كېتەتتى ئەمەسمۇ؟

     شۇنداق قىلساقمۇ بولاتتى ئاكا، بىراق سىزمۇ بىلىسىز، چوڭ قىزىم خالنۇر كەلپىن ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا، ئوتتۇرانچى قىزىم دىلنۇر تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتىدۇ، بالىلارنى ياخشى ئوقۇسۇن، دەپ باشقا ئىشقا ئانچە تارتىپ كەتمەيمىز، جاپا – مۇشەققەت ئەر – خوتۇن ئىككىمىز بىلەنلا كەتسۇن دەپ، تاپقان – تەرگىنىمىزنى بالىلارغا ئاتىدۇق. بالىلار يەكشەنبە كۈنىمۇ ئۆگىنىش قىلىدىكەن، شۇڭا ۋاقتىنى ئالمايلى دەپ ئەكەلمىدۇق.

     ـ بۇمۇ بوپتۇ ئۇكام، بالىلارنى چوقۇم ياخشى ئوقۇتۇڭ، كېيىنكى ئىشلىرىغا مانا مەن بار.

     ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمەن ئاكا، مانا ھازىر پارتىيەنىڭ سىياسىتى شۇنداق ياخشى تۇرسا، بالىلىرىمنى ئوقۇتمىسام پارتىيەنىڭ بىز دېھقانلارغا قىلغان غەمخورلۇقىغا يۈز كېلەلمەيمەن. ئۆتكەندە سىز بىزنىڭ ئۆيگە بارغاندا كۆردىڭىز، بۇلتۇر ھۆكۈمەتنىڭ 30 مىڭ 500 يۈەن ياردەم قىلىشى بىلەن 60 كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن ئۆي سېلىۋالدىم، يەنە تېخى ئائىلىمىزدىكىلەرنى ھۆكۈمەت تۆۋەن كاپالەت پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇشقا كىرگۈزدى. ھۆكۈمەت بىز دېھقانلارنى مۇشۇنداق قوللاۋاتسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېنىمدا سىزدەك ئاكام تۇرسا ئەمدى نامرات ئۆتۈۋەرسەممۇ يۈزۈم ئۇيۇلار؟ بۇنىڭدىن كېيىن توققۇز مو يېرىمنى ياخشى باشقۇرۇپ، بىكار ۋاقىتلىرىمدا سىرتتا ئىشلەپ، باي بولۇشقا تىرىشىمەن. ئۆزۈم تۈزۈك ئوقۇماپتىكەنمەن، بالىلىرىمنى چوقۇم ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتىمەن.

     ياخشى گەپ قىلدىڭىز ئۇكام، مانا ئەمدى مېنىڭ ئىنىمغا ئوخشىدىڭىز، بالىلار مىللەتنىڭ، ۋەتەننىڭ ئۈمىدى، بالىلار ياخشى ئوقۇسا مىللەتكىمۇ، ئۆزىڭىزگىمۇ، دۆلەتكىمۇ كۆپ پايدىسى بار. ياخشى ئوقۇغاندىلا ئورتاق روناق تاپقىلى، تەڭ ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. ئىتتىپاقلىق، ئېجىل – ئىناقلىق ھەممە كىشىنى خاتىرجەم، باي – باياشادلىققا باشلايدىغان مەڭگۈلۈك يول.

     ـ شۇنداق ئاكا، بۇنىڭدىن كېيىن سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن، سىزنىڭ مېنى ياخشى يولغا باشلايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، خاتىرجەم بولۇڭ ئاكا.

     تۇغقانلارنىڭ گېپى تۈگەيدىغاندەك قىلمايتتى. ئاۋۇت ھوشۇرنىڭ ئاكىسىنى ئالدىرىتىشى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر – بىرلەپ سىرتقا چىقىپ، پىكاپقا ئولتۇرۇپ، ئاقسۇ شەھىرى دولان دەرياسىنىڭ 2 – قارارلىق مەنزىرە رايونىنى قانغۇچە تاماشا قىلدى، مەنزىرە رايونىنىڭ شىمالىدىكى شارقىراتمىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ سۈرەتكە چۈشتى.

     ـ سودىلىقىم بار دەۋاتاتتىڭىز ئىنىم، دېدى ئۇ قايتىش ئالدىدا، ئوغلۇم بىلەن ئىككىمىز بىللە بېرىپ سودىلىقىڭىزنى قىلىشىپ بېرەيلى.

     ئۇلار ‹‹شاڭلۇڭ›› سودا شەھەرچىسىگە كىرىپ سودىلىقنى تۈگەتكەندە، قۇياش تاغ كەينىگە ئۆتەي دەپ قالغانىدى. تۇغقانلار بىر – بىرىگە قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى.

     ـ ئاكا، يولىڭىزغا قارايمەن، -دېدى ئاۋۇت ھوشۇر ئاكىسىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ، قاچان بارسىڭىز مەن تەييار، بۇ قېتىم مەن سىزنى ئوبدانراق مېھمان قىلىۋالمىسام بولمايدۇ، خوش ئەمىسە، ئامان بولۇڭ، يەڭگەمگە مەندىن سالام ئېيتىڭ.

     ئۇ ئىنىسىنىڭ شۇنچە تۈزۈت قىلىشىغا ئۇنىماي بالىلار يېسۇن دەپ بىر مۇنچە يېمەكلىكنى يوللۇق تۇتتى.

     بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن ئاۋۇت ھوشۇر كەلپىن ناھىيەسىنىڭ چىلان يېزىسى چىمەن كەنتىدىكى ئۆيىگە خېلى كەچ باردى. ئۇ بېرىپلا ئاكىسى چيۇ پىنخۇاغا ئۆزىنىڭ ساق – سالامەت كېلىۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ تېلېفون قىلدى. ئاۋۇت ھوشۇرنىڭ ئاكىسى چيۇ پىنخۇا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسى بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولۇپ، ئۇلار بۇلتۇر 10 – ئايدا تۇغقان بولۇشقانىدى.

    بۇ يىل 2 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ئۇلار قايتا ئۇچراشقاندا ئەنە شۇنداق قىزغىن مۇڭدىشىپ، ئىچ سىرىنى تۆكۈشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.