مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

     گىرىم بۇيۇملىرى ساھەسىدىكى ئىزدىنىشچان يىگىت

    نىجات نىياز2017-03-14 11:21:59تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    نىجات نىياز

        ئاياللار گىرىم بۇيۇملىرى ساھەسى دېسە تەبىئىيلا خانىم-قىزلىرىمىز ۋە خىلمۇخىل گىرىم بۇيۇملىرى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايال كىشىدەك تۇيۇلىدۇ. لېكىن، بۇ كۆز قاراشنىڭ تۈپتىن توغرا بولۇشىمۇ ناتايىن. پەخىردىن مۇنىردىن دەل مۇشۇ گىرىم بۇيۇملىرى ساھەسىدە تىرىشىپ ئىزدىنىۋاتقان، ئىرادىلىك ياشلىرىمىزنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

      13-مارت، شىنجاڭ «FRAZONEL» گىرىم بۇيۇملىرى شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى پەخىردىن مۇنىردىن ئۈرۈمچىدە شىركەتنىڭ يىللىق خىزمەت خۇلاسە يىغىنى ئېچىپ، شىركەتنىڭ ئالدىنقى يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلىدى ھەم شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

      پەخرىدىن 2009-يىلى شىنجاڭ مالىيە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پۇل-مۇئامىلە كەسپىگە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆز كەسپى ۋە قانۇن كەسپى بويىچە قوش ئۇنۋانغا ئېرىشسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشلەپ مال سېتىش، مۇلازىمەت، خېرىدارلارنىڭ پىسخىكىسىنى ئىگىلەش جەھەتتە نۇرغۇن ئەمەلىي تەجرىبىلەرگە ئېرىشىدۇ. ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئۇ تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ شياڭگاڭغا بېرىپ گىرىم بۇيۇملىرى ئەكىلىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىغا سېتىپ خېلى ياخشى پايدا ئالىدۇ. ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىغا چىققاندا ئۇ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن خوتەن شەھىرىدىكى باھار تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىدىن بىر گىرىم بۇيۇملىرى مەخسۇس سېتىش پۇكىيىنى ئىجارىگە ئېلىپ، تىجارەتچىلىك مۇساپىسىنى باشلايدۇ. ئۇ بۇ ساھەگە يېڭى قەدەم قويغانلىقى ئۈچۈن سودا جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئاتا-ئانىسىنىڭ مەدىتى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن بەل قويۇۋەتمەي داۋاملىق تىرىشىدۇ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ گىرىم بۇيۇملىرى ساھەسىدە ياخشى بولغان داڭلىق بىر ماركا ئوبرازىنى يارىتىش ئۈچۈن، بىر ماركىنى ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەكلىكىنى ئويلاپ فىرانسۇز تىلىدا «دانىشمەن، دانا، ئەقىللىق»مەنىسىدىكى «FRAZONEL» نامىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، رەسمىي ھالدا «FRAZONEL» گىرىم بۇيۇملىرى شىركىتىنى قۇرىدۇ، شۇنداقلا دەسلەپكى ئۈچ ئايدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ، ئەسلىدىكى بىرلا يەردە ئېچىلغان سېتىش نۇقتىسىدىن ھازىرقى كۆپ جايدا سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلغان شىركەتكە ئايلىنىدۇ.

      پەخرىدىن مۇنىردىن گىرىم بۇيۇملىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا شىنجاڭنىڭ گىرىم بۇيۇملىرى بازىرىدا نۇرغۇن بوشلۇق بارلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ھەقىقىي تېرە ئاسراش تۈرلىرى ۋە داۋالاش بازىرى، مۇلازىمەتنى ئاساس قىلغان كۈتۈنۈش سالونلىرىنىڭ بازار ئىستىراتېگىيەسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، خانىم-قىزلارنىڭ ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈشنى خانىم-قىزلارنىڭ گۈزەللىك قارىشىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، تېرە ساغلاملىقى زادى قانداق كۆيۈنۈشكە مۇھتاج، دىيارىمىزدىكى خانىم-قىزلارنىڭ گىرىم بۇيۇملىرى جەھەتتىكى تەلەپ ئېھتىياجى قانداق دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شىنجاڭنىڭ بازىرىغا، ھاۋا كىلىماتىغا ماس كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنى كىرگۈزۈش بىلەن تەڭ، تېرىنى تەكشۈرۈپ، داۋالاپ ئاندىن تېرىنى ئاسراشتەك قاراشنى يەكۈنلەپ چىقتى. بۇ ئىستىقباللىق ياش بۇ ساھەدە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشماقتا.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.