مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    ئەتىيازدا ئۆرۈك دەرىخى ئۈششۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-03-12 14:20:16شىنجاڭ گېزىتى

         ئۆرۈك چېچەكلىگەندە تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ئىككى – ئۈچ سېلسىيە گىرادۇس بولسا چېچەككە ئۈششۈك تېگىدۇ. غۇنچىسى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن بىر – ئىككى سېلسىيە گىرادۇستا، ئەمدىلا گۈل بەرگى تۆكۈلگەن غورا نۆل سېلسىيە گىرادۇستا ئۈششۈپ قالىدۇ. شۇڭا ئەتىيازدا ئۆرۈك دەرىخىنى ئۈششۈكتىن ساقلاپ، زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى ياخشى ئىشلەش لازىم:

        1. كىلىماتى ياخشى جاينى تاللاپ باغ قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن شامال تەگمەيدىغان، تۈزلەڭ، كۈنگەي جايلارنى تاللاش، تەسكەي ياكى ئويمان يەرلەرنى تاللىماسلىق كېرەك. بۇنداق يەرلەردە سوغۇق ئېقىم يىغىلىۋېلىپ، قىرو ئۈششۈكى پەيدا قىلىدۇ.

       2. كېيىن چېچەكلەيدىغان سورتلارنى تىكىپ، باش ئەتىيازدىكى ئۈششۈكنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئادەتتە باشقا سورتلاردىن بەش كۈندىن سەككىز كۈنگىچە كېيىن چېچەكلەيدىغان سورتلارنى تىككەندە، ئۈششۈكنىڭ زىيىنىنى ئازايتىپ، تولۇق چاڭلىنىشقا، مېۋىلەش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

       3. سۈنئىي ئۇسۇلدا چېچەكلەشنى كېچىكتۈرۈپ، باش ئەتىيازدىكى قىرو ئۈششۈكى ۋە سوغۇقنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىش كېرەك. (1) قىشتا ئۆرۈك دەرىخىنىڭ غولىنى ئاقارتسا ئەتىيازدا دەرەخ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىتىشىنى ئاستىلىتىپ، چېچەكلەشنى كېچىكتۈرگىلى ھەم كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. (2) باش ئەتىيازدا ئۆرۈكلۈك باغنى سۇغىرىش ئارقىلىق تۇپراق تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىپ، چېچەكلەشنى بەش كۈندىن يەتتە كۈنگىچە كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ. ئۆرۈك تۈپ سانى ئاز ياكى سۇغىرىش ئىمكانىيىتى يوق جايلاردا سىرتتىن مۇز پارچىسى ئېلىپ كېلىپ، دەرەخ غولى ئەتراپىغا دۆۋىلەش ئارقىلىق يەرنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىپ، چېچەكلەشنى يەتتە كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ. (3) چېچەك بىخى سەل چوڭايغان مەزگىلدە مالېئويىل (素鲜青)نى 500ppmدىن 2000ppm غىچە قويۇقلۇقتا سۇيۇلدۇرۇپ چاچسا چېچەكلەشنى تۆت كۈندىن ئالتە كۈنگىچە كېچىكتۈرۈپ، ئۈششۈك زىيىنىنى %20 ئازايتقىلى بولىدۇ. (4) 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنلىرى ئەتراپىدا ئېتىلېن (利烯乙)نى 100ppmدىن 200ppm غىچە قويۇقلۇقتا شاخ، يوپۇرماققا تەكشى چاچسا ئەتىيازدا چېچەكلەشنى ئىككى كۈندىن بەش كۈنگىچە كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ. (5) قىشتا ئۆرۈك دەرىخىنى مۇۋاپىق چاتىغاندا، چېچەك بىخلىرىنىڭ بۆلۈنۈشى سەل كېچىكىپ، چېچەكلىشىمۇ مۇناسىپ ھالدا كەينىگە سۈرۈلىدۇ.

        4. ئىسلاش ئارقىلىق قىرو ئۈششۈكىنىڭ ئالدىنى ئالسا بولىدۇ. ئۆرۈك چېچەكلەش مەزگىلىدە مېتېئورولوگىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسەن، باغنى شاخ – شۇمبا قاتارلىقلار بىلەن ئىسلاپ، باغ تېمپېراتۇرىسىنى نىسبىي ئۆرلىتىپ، ئۈششۈكنىڭ ئالدىنى ئالسا بولىدۇ.

        ئاينۇر توختىنىياز تەييارلىغان

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.