مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    كۈزگى بۇغداينىڭ ئەتىيازلىق پەرۋىشى

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-03-12 14:09:41شىنجاڭ گېزىتى

        1.ئەتىيازدا بۇغداي كۆكىرىشتىن بۇرۇن ۋاقتىدا تىرنىلاپ شاخ سۆرەم سېلىش: تىرنىلاش چوڭقۇرلۇقى ئۈچ سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇش، شورلۇق يەرنى ئىككى – ئۈچ قېتىم تىرنىلاش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر مو يەرگە سەككىز كىلوگىرام ئورىيا بىلەن بەش كىلوگىرام ئاممونىي فوسفاتنى ئارىلاشتۇرۇپ، سىيالكا بىلەن ئۈچ سانتىمېتىردىن بەش سانتىمېتىرغىچە چوڭقۇرلۇقتىكى تۇپراق قاتلىمىغا بېرىپ، كەينىدىن شاخ سۆرەم سېلىش كېرەك. ئەتىيازدا يەرنىڭ توڭى ئېرىشكە باشلىغاندا تۇپراق زەيكەش، يەر ئاستى سۇ ئورنى تۆۋەن بولۇش، قار سۈيى يىغىلىپ قېلىش، قار ئارىلاش يامغۇر كۆپ بولۇش قاتارلىق ئامىللار يېڭىدىن كۆكىرىشكە باشلىغان بۇغداي تۈپىنىڭ يىلتىزىنى ئاسانلا سېسىتىپ قويىدۇ، شۇڭا بۇغداي ئېتىزىدا يىغىلىپ قالغان سۇلار سىڭىپ بولالمىغان، ھاۋا تېخى ئىسسىمىغان ئەھۋالدا بۇغداينىڭ 1 – سۈيىنى مۇۋاپىق كېچىكتۈرۈپ بېرىش لازىم.

        2. خىمىيەلىك ئۇسۇلدا ئوت – چۆپ يوقىتىش: قوش پەللىلىك ئوت – چۆپلەرنى يوقاتقاندا بۇغداي ئىككى – ئۈچ تال، ئوت – چۆپلەر ئۈچ – تۆت تال يوپۇرماق چىقارغاندا %75لىك دۇباڭجۈشىڭ (星巨邦杜) دورىسىدىن ھەر مو يەرگە بىر گىرامدىن بىر يېرىم گىرامغىچە ئېلىپ 40 كىلوگىرامدىن 50 كىلوگىرامغىچە سۇدا سۇيۇلدۇرۇپ بۇغداي ئېتىزىغا پۈركۈش ياكى ھەر مو يەرگە D 2.4 بوتىل (酯丁D 2.4) دورىسىدىن 60 گىرامدىن 70 گىرامغىچە ئېلىپ 40 كىلوگىرامدىن 50 كىلوگىرامغىچە سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، بۇغداي ئېتىزىغا تەكشى چېچىپ، ئوت – چۆپلەرنى يوقىتىش كېرەك.

        3. قوشۇمچە ئوغۇتلاش: 3 – ئاينىڭ ئاخىرى، 4 – ئاينىڭ باشلىرىدا ھەر مو يەرگە سەككىز كىلوگىرامدىن ئون كىلوگىرامغىچە ئورىيانى تەكشى چېچىش كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىغا قاراپ 2 – ۋە 3 – سۈيىگە بىرلەشتۈرۈپ مۇۋاپىق مىقداردا ئورىيا بىلەن ئوغۇتلاش لازىم.

        4. بۇغداينىڭ ئۆسۈشىنى خىمىيەلىك ئۇسۇلدا تىزگىنلەش: بۇغداي بەك ئېگىز ئۆسۈپ كەتكەن بولسا، بوغۇم تارتىشنىڭ ئالدى – كەينىدە ھەر مو يەرگە بىر – ئىككى گىرام بوغۇم قىسقارتىش دورىسىنى 30 كىلوگىرامدىن 40 كىلوگىرامغىچە سۇدا سۇيۇلدۇرۇپ، يوپۇرماق ۋە غولغا پۈركۈش كېرەك.

        5. كېسەل ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش: بۇغدايغا ئاساسلىق زىيان سالىدىغان ھاشارات كۆكپىت ۋە تىرىپىس بولۇپ، پەيدا بولۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھەر 100 تۈپ مايسىدىكى كۆكپىت سانى 500دىن ئاشقان بولسا، بىيولوگىيەلىك ئۇسۇل ۋە تەبىئىي كۈشەندە بىلەن يوقىتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا %5لىك ئاۋىيمىتسۇن (素菌维阿)، %18لىك لورسىبان (本思乐) دورىسىدىن بەش گىرامدىن 15 گىرامغىچە ئېلىپ، 30 كىلوگىرامدىن 40 كىلوگىرامغىچە سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ پۈركۈش كېرەك. دات كېسىلى پەيدا بولغان بولسا، كېسەللەنگەن يوپۇرماق نىسبىتى %1تىن %2كىچە بولغاندا، ھەر مو يەرگە %15لىك تىرىئادىمىفون (宁秀粉)، ئاچ ئازۇلون (酮唑三) قاتارلىق دورىلارنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ چېچىش لازىم.

        6. بۇغداينىڭ باشاق چىقىرىش ۋە پىشىش مەزگىلىدىكى پەرۋىشى: بۇ مەزگىلدە بۇغداينى يېتەرلىك سۇغىرىش، بۇغداي پىشاي دېگەندە قۇرغاق ئىسسىق شامالنىڭ تەسىرىدە كېسەل پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كەچقۇرۇن ۋە ھاۋا سالقىن ۋاقىتتا سۇغىرىپ، بۇغدايغا كېسەل تېگىپ، بىرلىك ھوسۇلى تۆۋەنلەپ كېتىشتىن ساقلىنىش، بۇغداينىڭ پىشىش ۋاقتىنى ياخشى ئىگىلەپ، دان تۆكۈلۈپ ھوسۇلغا تەسىر يېتىشىدىن ساقلىنىش لازىم. جەمىلەم ئابدۇۋەلى تەييارلىغان

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.