مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    يېزىلاردا قاتناش بىخەتەرلىك تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش زۆرۈر

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-03-12 14:03:23شىنجاڭ گېزىتى

       يېقىندا بەزى يېزا – بازارلاردىكى كەنتلەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان تاشيوللاردا قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. ئۇقۇشىمچە، يېزا – بازارلاردىكى كەنتلەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان تاشيوللاردا قاتناش قىستاڭچىلىقىنىڭ يۈز بېرىشىدە يېزا – كەنتلەردە شەخسىي ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن باشقا، ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەرنىڭ ئەسلىدىلا كەڭ بولمىغان تاشيوللاردا خالىغانچە ئاپتوموبىل توختىتىشى، تاشيولنىڭ ئەتراپىدىكى ئاھالىلەرنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك ئېڭىنىڭ ئاجىز بولۇشى، ئۇلارنىڭ تاشيولدا ئاپتوموبىل كېلىۋاتسىمۇ خالىغانچە يولدىن كېسىپ ئۆتۈشى قاتارلىقلار ئاساسلىق سەۋەب بولغان. كەنتلەرنى كېسىپ ئۆتكەن تاشيوللاردا قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بەرگەندە، ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر ئاڭلىق ھالدا بىر – بىرىگە يول بەرمىسە ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاشيول راۋانلاشتۇرۇلمىسا، ئەسلىدىلا تار تاشيولدا قاتناش قىستاڭچىلىقى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.

       مېنىڭچە، يېزا – بازارلاردىكى كەنتلەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان تاشيوللارنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا، ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەرنىڭ قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى، تاشيوللاردا قالايمىغان ئاپتوموبىل توختاتماسلىق، يول تالاشماسلىق ۋە مەدەنىي يول يۈرۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىدىن باشقا، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى يېزىلاردا قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىقات سالمىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئۈنۈملۈك تەشۋىقات ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، يېزا – كەنت ئاھالىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ كەنتلەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان تاشيول ئەتراپىدىكى ئاھالىلارنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىلا، ھەممە كىشى قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، كەنتلەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان تاشيوللارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

    تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئىدىقۇت كوچا باشقارمىسىدىن ئاينۇر ئۆمەر

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.