مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    گەپ ئاڭلىمايدىغان بالا يوق

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-03-12 13:58:46شىنجاڭ گېزىتى

    دولقۇن تۇرسۇن

        ھەر قېتىم بالىلار توغرىسىدا پاراڭ بولغاندا، ئاتا – ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىسى ياكى ئوقۇغۇچىسىنىڭ گەپ ئاڭلىماس بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدىكى ۋايساشلىرىنى ئاڭلاپ قالىمەن.

        يېقىندا تاپشۇرۇق ئىشلەشنى ياقتۇرماسلىق سەۋەبىدىن ئاتا – ئانىسى ۋە ئوقۇتقۇچىسى تەرىپىدىن ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان بالا›› دەپ قارىلىپ، دائىم تەنقىدلىنىدىغان 4 – يىللىقتا ئوقۇيدىغان بالىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئاتا – ئانىسىغا يازغان خېتىنى كۆرۈپ قالدىم. خەتتە مۇنداق يېزىلغانىدى: ‹‹ھۆرمەتلىك مۇئەللىم، دادا، ئانا، سىلەر دائىم مېنى تاپشۇرۇق ئىشلىمەيدۇ، ئۆگەنمەيدۇ، دەپلا ئاغرىنسىلەر. ئېغىزىڭلارغا نېمە كەلسە شۇنى دەپ تىللايسىلەر. ئىلگىرى مەن ئوقۇشقا شۇنداق قىزىقاتتىم، تاپشۇرۇقلارنىمۇ قىزىقىپ ئىشلەيتتىم. چوڭ بولغاندا دوختۇر بولۇش ئارزۇيۇممۇ كۈچلۈك ئىدى. بىر كۈنى مەن ماتېماتىكىدىن بىر مەسىلىنى چۈشىنەلمەي، دادامغا ئۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشنىڭ گېپىنى چىقىرىپ بولغۇچە، <مەن ئالدىراش، ئاناڭدىن سورا> دېدىڭىز، ئانامنىڭ يېنىغا ئاپارسام، <مەن تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتىمەن، ئەتە مۇئەللىمڭىدىن سورا> دېدىڭىز، ئەتىسى بىرىنچى سائەتلىك دەرستە مۇئەللىمدىن سورىشىمغا <مۇشۇنىمۇ بىلمىدىڭمۇ، دۆتمۇ نېمە بۇ...> دەپ شۇ ھامانلا ئاچچىقلاپ كەتتىڭىز. <ئالىم مۇشۇ ئاددىي بىر مەسىلىنىمۇ يېشەلمەپتۇ...> دەپ سۆز – چۆچەك قىلىپ ھەممەيلەنگە كۆرسەتتىڭىز. مەن شۇ چاغدا تولىمۇ ئىزا تارتتىم. سىلەر <مەن ئالدىراش> دەپ سەۋەب كۆرسەتتىڭلار، مۇئەللىم بولسا مېنى مەسخىرە قىلدى... مەن زادى كىمدىن ياردەم سورىشىم كېرەك... ياردەم سورىغانلىقىم ئەجىبا سىلەرنىڭ مەسخىرەڭلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈنمىدى؟ شۇ چاغدا كۆزۈمدىن تاراملاپ ياش سىرغىپ چۈشتى. مەن چاندۇرماسلىق ئۈچۈن كۆزۈمنى قولۇمدا توسۇپ تۇرۇپ، ئاستا – ئاستا يېشىمنى سۈرتۈۋەتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن مەندە ئۆگىنىشتىن، ئوقۇشتىن بىزارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولدى. مانا ئەمدىلىكتە سىلەر مېنى گەپ ئاڭلىمايدىغان دەپ خالىغانچە تەنقىدلەيسىلەر، تىللايسىلەر. سىلەردىن شۇنى سورىغۇم كېلىدۇ: مۇبادا سىلەرمۇ ماڭا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرىساڭلار قانداق قىلاتتىڭلار... مەن راستىنلا گەپ ئاڭلىمايدىغان ئەسكى بالىمۇ؟...››

        بۇ خەتنى قايتا – قايتا ئوقۇپ چىقتىم. نېمىشقىدۇر كۆزلىرىم نەمدەلدى. ئەمەلىيەتتە، گەپ ئاڭلىمايدىغان بالا يوق. ھازىر بالىلارنىڭ گەپ ئاڭلىمايدىغان بولۇۋېلىشى ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى، پسىخىكا جەھەتتىن ئۆزىنى ‹‹ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈش››تىكى ئۈنۈملۈك قورالى بولۇپ قالغان. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئاتا – ئانىلار، ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلار ‹‹مېنىڭ بالام گەپ ئاڭلىمايدۇ›› دېگەندەك سەلبىي شوئارلارنى توۋلاپ، داتلاپ يۈرۈشىنىڭ ئورنى يوق ھەم بۇنداق داتلاشلار ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنىڭ ئاتا – ئانىلىق ۋە ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلىق مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلالمىغانلىقىمىزنىڭ دەلىلىدۇر. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ كەمچىلىكىنى ۋە يېتەرسىزلىكىنى بايقىغاندا ئۇلارغا كۈلۈپ مۇئامىلە قىلىشى، تەسىرچانلىققا ئىگە يېتەكلەش ۋە قوللاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىشى كېرەك. تەسىرلەندۈرۈش، يېتەكلەش، ئۈلگە بولۇش تىپىدىكى بالىلار تەربىيەسىنى تەمكىنلىك ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىپ، مەسىلىنى ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش ئۇسۇللىرىمىزدىن، مۇئامىلىلىرىمىزدىن ئىزدەپ، گەپ ئاڭلىماس بالىلاردىن قاقشاش، ئۇلارنى خالىغانچە ئەيىبلەشتەك ئىجابىي يۆنىلىشتىن چەتنەيدىغان پاسسىپ تەربىيە شەكىللىرىگە خاتىمە بېرىپ، ئىلمىي، ساغلام، مەدەنىي، ئىجابىي، بالىلارنىڭ پسىخىكىسىغا سىڭىپ كىرەلەيدىغان تەربىيە ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ‹‹گەپ ئاڭلىماس›› بالىلارنىڭ ‹‹ياخشى بالا›› بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن توغرا يول كۆرسىتىشىمىز لازىم.

        دوستۇم، ئىللىق مېھرىڭىزنى بالىلارغا بېرىڭ، ئەڭ سۆيۈملۈك ئاتا – ئانا ۋە ئۇستازلىق مېھرىڭىز بىلەن بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىنى ئىللىتىڭ، مۇھەببەتلىك قەلبلەرنى قەلبلەرگە تۇتاشتۇرۇپ، گۈزەل ئەتىگە قاراپ بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ پەرۋاز قىلىڭ... ئىشىنىڭكى، ئارىمىزدا گەپ ئاڭلىمايدىغان بالا يوق.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.