مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    ئوقۇغۇچىلارغا پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسى بېرىش زۆرۈر

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-03-12 13:54:22شىنجاڭ گېزىتى

    جىن پېيچىڭ

        يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تاراتقۇلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ئارقا – ئارقىدىن بېرىلدى. بالىلىرىمىزنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان چېكىدىن ئاشقان بىر قىسىم قىلمىشلار ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ پسىخىك جەھەتتە نورمال، ساغلام ئەمەسلىكىنىڭ ئەينەن ئىپادىسى، شۇنداقلا خاراكتېر جەھەتتىكى ئاجىزلىقىدۇر. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىش جەريانىدىكى ناتوغرا پاسسىپ كۈچلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا چەك قويۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

        نۇرغۇن پىسخولوگ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ پسىخىك ساغلاملىق مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە پسىخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش سىنىپى، دەرسى، پسىخىك مەسىلىھەت قىزىق لىنىيەسى تەسىس قىلىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى پسىخىك جەھەتتىن تەربىيەلەشنىمۇ مۇھىم مەزمۇن قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. مېنىڭىچە، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ پسىخىك ساغلاملىق مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى ياخشى ھەل قىلىشتا ئاز ساندىكى پىسخولوگلارنىڭ ئايرىم يېتەكلىشى ياكى ئوقۇغۇچىلارنى بىر يەرگە يىغىپ، بىر نەچچە سائەت پسىخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش دەرس بېرىش بىلەنلا كۇپايىلىنىشكە بولمايدۇ. شۇڭا، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا يولۇققان ھەر خىل ئوڭۇشسىزلىقلارغا يۈزتۈرا تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزىنى تەڭشەش ۋە ئۆزىدىكى بېسىمنى ئارقىغا تاشلىۋېتىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەشكە يېتەكلىشى كېرەك. بۇ، ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن ئۇنچە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىش ياكى ئادەتتىن تاشقىرى يۈك ئەمەس، بەلكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت، شۇنداقلا ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە ئۆتەشكە تېگىشىلىك مەجبۇرىيەتتۇر.

        ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ – يېتىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ ھازىرلاپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە، ياخشى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم – پەن تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە ئادىمىيلىك ھېسسىياتى بىلەن تەربىيەلىنىشىگە ياردەم بېرىشى؛ ئوقۇغۇچىلارنى كىنو – تېلېۋىزىيە، ئالاقە تورى، بولۇپمۇ ھەر خىل ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن ئۆز ئارا يۇغۇرۇشقا يېتەكلىشى؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۇتۇپخانا، قىرائەتخانىلارغا بېرىپ، كىلاسسىك ئەسەرلەر بىلەن ئۇچرىشىشىغا مەدەت بېرىشى؛ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ قىزىقىش ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىشى، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن دوستلىشىشى؛ مەكتەپ ھاياتىدىكى پىلان دەرسلىكى ‹‹قونچاق››قا ئايلىنىپ قالماسلىقى، ھاياتىنىڭ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۆزلىرىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدار ۋە ئەۋزەللىكنى تونۇشقا ياردەم بېرىشى؛ مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن تەڭ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىشتىكى ئاساسىي ساۋاتلارنى ئىگىلەش، بولۇپمۇ ئاساسىي ماھارەت ئۆگىنىش، ھېسسىي پوزىتسىيە، قىممەت قاراش شەكىللەندۈرۈشتىكى تېرىكى بولۇشى كېرەك. ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەر خىل زىددىيەت، ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتىپ، جۇغلىغان تەجرىبە ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق، زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يېتەكلەپ، پسىخىك ساغلاملىقى جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلۈپ، ئۆز تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقاندا، قانداق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم تەلەپ قىلىشنى بىلىشكە يېتەكلىشى كېرەك.

        باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، مەكتەپ مۇدىرلىرى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ پسىخىك ساغلاملىقى ۋە ئۆز – ئۆزىنى پسىخىك جەھەتتىن تەڭشەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى ئۈچۈن چامىنىڭ يېتىشىچە بەزى ئىشلارنى قىلىشى زۆرۈر. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى سىرداش دوستى دەپ تونۇغاندىلا، كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان كىچىككىنە پىكىر ئالماشتۇرۇشتىمۇ ئۇلارغا مەنىۋى تەسەللى بېرەلەيدۇ.

    «جۇڭگو مائارىپ گېزىتى»دىن

        

       

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.