مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    تېخنىك شيې باۋلىننىڭ ئارمىنى

    ئامانگۈل2017-03-09 11:15:16شىنجاڭ گېزىتى

    گۇما بازىرىغا تېخنىك بولۇپ كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرچىنى ئۆگىنىۋالدىم، دەپ گەپ باشلىدى شيې باۋلىن راۋان ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەپ، دېھقانلار مېنى ‹‹ئۇستام›› دەپ چاقىرىدۇ.

     50 ياشتىن ئاشقان شيې باۋلىن گۇما ناھىيەسى گۇما بازىرىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكى. ئۇنىڭ گۇما بازىرىنىڭ 14 كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ پارنىك تېرىقچىلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقىنىغا 15 يىل بولدى. ھەر ئىشنىڭ باشلىنىشى تەس بولغاندەك، شيې باۋلىن 2002 – يىلى گۇما بازارلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن گۇما بازىرىغا تېخنىك بولۇپ كەلگەندە، بۇ جايدىكى دېھقانلار پارنىك تېرىقچىلىقىنى ئەمدىلا باشلىغان، نۇرغۇن كىشى بۇ يېڭىلىقنى قوبۇل قىلمىغان، بىر قىسىم پارنىكلار تېرىلماي تاشلىنىپ قالغانىدى.

     1991 – يىلىدىن بۇيان پارنىكتا كۆكتات تېرىۋاتقان شيې باۋلىن گۇما بازىرىغا كەلگەندىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا كەنتمۇ كەنت، ئۆيمۇئۆي قاتراپ، دېھقانلارغا پارنىك تېرىقچىلىقىنىڭ پايدىسىنى چۈشەندۈرۈپ، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى. قىسمەن دېھقانلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، پارنىكتا كۆكتات تېرىپ كىرىمىنى ئاشۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئۇزاق يىللاردىن بۇيان بۇغداي، كۆممىقوناق تېرىپ كۆنۈپ قالغان دېھقانلارنىڭ پارنىك تېرىقچىلىقىغا بولغان قىزغىنلىقى يەنىلا تۆۋەنىدى. گۇما بازارلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بازاردىكى نەچچە يۈز پارنىكنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ پارنىكقا تايىنىپ كىرىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن 2006 – يىلى كۈزدە شيې باۋلىنغا تاشلىنىپ قالغان پارنىكلارنى تېرىش مەسلىھەتىنى بەردى.

     شۇ يىلى 10 – ئايدا ئوتتۇراقاش كەنتىگە كۆچۈپ كەلدىم، ئەينى چاغدا كەنتتە 54 پارنىك بار ئىكەن، بۇنىڭ 13ى تاشلىنىپ قاپتۇ، مەن مۇشۇ 13 پارنىكنى ھۆددە ئېلىپ تېرىدىم، دېدى شيې باۋلىن.

     شېي باۋلىن شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا تاشلىنىپ قالغان پارنىكلاردا كۆكتات ئۆستۈرۈپ، ھەر يىلى ھەر بىر پارنىكتىن ئوتتۇرىچە 15 مىڭ يۈەندىن كىرىم قىلىپ، ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئەتراپتىكى دېھقانلارنى قايىل قىلدى. بۇ خەۋەر تېزلا گۇما بازىرىنىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغىچە يېتىپ باردى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئىزدەپ تېخنىكا ئۆگىنىدىغانلارمۇ بارا – بارا كۆپەيدى.

     شيې باۋلىننىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئۇ ھازىرغىچە گۇما بازىرىدىكى 600گە يېقىن دېھقاننى پارنىك تېرىقچىلىقى بويىچە تەربىيەلەپتۇ. ئۇ تېرىۋاتقان 13 پارنىكنى تېرىماي تاشلاپ قويغان دېھقانلار پارنىكتىن كۆپ كىرىم قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن پارنىكلىرىنى ئۆزى تېرىشنى تەلەپ قىپتۇ، ئۇمۇ پارنىكلارنى قىلچە ئىككىلەنمەي ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. گۇما بازىرى 2011 – يىلى بازار بويىچە كونا پارنىكلارنى ئۆزگەرتىپ ياساپتۇ، ھازىر گۇما بازىرىدا ئۆلچەملىك زامانىۋى پارنىكتىن 523ى، ئەگمە پارنىكتىن 100ى بار ئىكەن. ئوتتۇراقاش كەنتىدىمۇ 54 كونا پارنىكنىڭ ئورنىغا 60 مېتىرلىق چوڭ پارنىكتىن 25ى، ئەگمە پارنىكتىن 17سى ياسىلىپتۇ، شيې باۋلىن ھازىر ئۈچ پارنىكنى تېرىيدىكەن، بىر پارنىكتا دېھقانلارغا تارقىتىلىدىغان كۆكتات مايسىلىرىنى يېتىشتۈرىدىكەن.

     گۇما بازىرىنىڭ سانجار كەنتىدىكى ئابلىمىت مەھمۇتنىڭ شيې باۋلىندىن پارنىكتا كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋاتقىنىغا ئون يىلدىن ئاشتى، ئابلىمىت مەھمۇت گەرچە پارنىك تېرىقچىلىقىغا خېلى پىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرمۇ ھەپتىدە بىر – ئىككى قېتىم شيې باۋلىننىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىپ تۇرىدۇ. ئۇ بۇ يىل 2 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئەتىگەندىلا شيې باۋلىننىڭ ئۆيىگە كەلدى.

     شيې باۋلىن ئۇستام بىلەن تونۇشقىنىمغا ئون يىل بولدى. ئىلگىرى پارنىك تېرىقچىلىقى قىلىپ باقمىغانىدىم، ئۇستام دەسلەپكى چاغلاردا ئۇرۇقلۇق، مايسا، يالتىراق قاتارلىقلارنى ھەقسىز تەمىنلەپ بەردى ۋە تېرىش، مايسا كۆچۈرۈش، پەرۋىش قىلىش، ئوغۇتلاش، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلارنى قولمۇ قول ئۆگەتتى، دېدى ئابلىمىت مەھمۇت.

     ئابلىمىت مەھمۇت ئىلگىرى ئىككى مو تېرىلغۇ يېرىگە قاراشلىق ئىدى، بىر مو يېرىگە بۇغداي ۋە كۆممىقوناق تېرىيتتى، بىر مو يېرىدە ياڭاق كۆچىتى بار ئىدى، ئۇ چاغلاردا يىلدا كۆپ بولسا 5000 يۈەندىن 6000 يۈەنگىچە كىرىم قىلاتتى. ئۇنىڭ ھازىر 80 مېتىرلىق پارنىكىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، يىلدا پارنىكتىن 40 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلىۋاتىدۇ. ئۇ 2015 – يىلى ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش سىياسىتىدىن نەپ ئېلىپ ۋە ئۆزى پۇل چىقىرىپ، 150 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيدىن بىرنى سالدى، ئىككى موتوسىكلىت، بىر توكسىكلىت سېتىۋالدى.

     بۇ شاگىرتىم بەك تىرىشچان ھەم سەمىمىي، – دېدى شيې باۋلىن، ئىشىم جىددىي ۋاقىتلاردا ئۇ ماڭا ياردەملىشىدۇ. سىرتلاردا بولۇپ قالسام، سانجار كەنتىدىن ئوتتۇراقاش كەنتىگە كېلىپ، پارنىكلىرىمنىڭ ھاۋاسىنى تەڭشەپ قويىدۇ. ھازىر گۇما ناھىيەسى بويىچە شوخلا تېرىشتا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان كىشى يوق، باشقىلار بىر پارنىكتىن 6000 كىلوگىرام ئەتراپىدا ھوسۇل ئالسا، ئۇ 8000 كىلوگىرامدىن كۆپرەك ھوسۇل ئالىدۇ.

     شيې باۋلىن گۇما بازىرىدىكى 14 كەنتنى ئايدا بىر قېتىم ئارىلاپ چىقىدۇ، پارنىك كۆپرەك كەنتلەردە ئۈچ – تۆت كۈن ئىشلەپمۇ قالىدۇ. كەنتلەردە بۇ خەنزۇ تېخنىكنى تونۇمايدىغان كىشى يوق، ئۇ مەيلى نەگىلا بارمىسۇن، دېھقانلار ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ.

     بۇ جايدا داۋاملىق تۇرۇش نىيىتىگە كەلدىم، دېدى شيې باۋلىن ‹‹نېمە پىلانىڭىز بار؟›› دېگەن سوئالىمغا جاۋابەن، خوتەن شەھىرىدىن بۇ يەرگە كەلگەن 15 يىلدىن بۇيان بۇ يەردىكى كىشىلەر بىلەن چىقىشىپ كەتتىم. كەنتتىكىلەر ھەر چاغاندا ئۆيىمىزگە كېلىپ، چاغاننى تەبرىكلىشىدۇ؛ روزى ھېيت، قۇربان ھېيتتا بىزنى ئۆيلىرىگە چاقىرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا ياردەم قىلالىساملا ئارمىنىم قالمايدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.