مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدىن نىمىلەرنى كۈتىمىز؟

    ئامانگۈل2017-03-07 12:01:26شىنجاڭ گېزىتى

    جاڭ شۇ

        شاڭخەي، جېجياڭدىكى بۇ يىل 6 – ئايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار 2014 – يىلى ‹‹ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭى ئىمتىھان›› لايىھەسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان تۇنجى تۈركۈمدە ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر سۈپىتىدە ئېلىمىزنىڭ مائارىپ تارىخىغا يېزىلىدۇ. بۇ قېتىمقى ‹‹يېڭى ئىمتىھان›› 1977 – يىلى ئېلىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيانقى ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ سىستېمىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھېسابلىنىدۇ.

        ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى دۆلەتنىڭمۇ، پۇقرالارنىڭمۇ چوڭ ئىشى. پۇقرالار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىر نەچچە ئەۋلاد كىشىنىڭ ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ مىڭلىغان – ئونمىڭلىغان ئائىلىنىڭ تەقدىرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ‹‹دەرەخ ئون يىلدا يېتىلەر، ئادەم يۈز يىلدا›› دېگەندەك، ئىختىساسلىقلارنى تاللاش دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، ئۇنىڭدىكى بىرەر ئۆزگىرىش كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. مەيلى قايسى تەرەپتىن قارايلى، بۇ قېتىمقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، تولىمۇ نازۇك، سىياسىيۋىلىكى كۈچلۈك، بۇنىڭدا قىلچە بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ.

        ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›› 2014 – يىلى تارقىتىلغاندىن بۇيان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى قەدەممۇقەدەم ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2014 – يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئىسلاھ قىلىش يىرىك پىلانى ۋە ئۆلكىلەرگە ئايرىش مەسىلىسى، ئۆلكىلەرنىڭ مەملىكەتنىڭ ئىمتىھان سوئالىنى ئىشلىتىشىنى تەڭشەش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلدى؛ 2015 – يىلى يەتتە ئۆلكىدە مەملىكەتنىڭ ئىمتىھان سوئالىنى ئىشلىتىش پىلانى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى؛ 2016 – يىلى قائىدىلەرنى تەڭشەش ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 26 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىمتىھان سوئالىنى ئىشلەتتى.

        ھازىر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدىكى ئەڭ ھالقىلىق بولغان 2017 – يىلىغا قەدەم قويدۇق. دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ئۇلۇغۋار پىلانىغا ئاساسلانغاندا بۇ يىل ‹‹ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغان›› يىل، شۇڭا ‹‹تۈرگە ئايرىپ ئىمتىھان بېرىش، ئۇنىۋېرسال باھا بېرىش، كۆپ مەنبەلىك قوبۇل قىلىش››قا ئالاقىدار ئىسلاھاتلار تاماملىنىپ، ‹‹ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىلمىي تاللاش، نازارەت قىلىش كۈچلۈك بولۇش›› تۈزۈلمە مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئۇنداقتا، بۇنداق ئالاھىدە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ يىلدا بىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىغا قانداق قارىشىمىز كېرەك؟

        يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى شاڭخەي بىلەن جېجياڭدا ئاۋۋال يولغا قويۇپ سىناق قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ شاڭخەي بىلەن جېجياڭنىڭلا ئىشى ئەمەس. بىلىش كېرەككى، ئېلىمىزدە 2020 – يىلىغا بارغاندا جۇڭگوچە مائارىپتىكى ئىمتىھان ئېلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىدۇ، ئىسلاھات دولقۇنى پات ئارىدا پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلايدۇ. شۇڭا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى ھەرگىزمۇ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مائارىپ ساھەسىنىڭلا ئىشى ئەمەس، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ، ھەتتا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ چوڭ ئىشى.

        ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئىسلاھاتىدا پۇقرالار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ نېمىلەردىن ئىمتىھان بېرىشى، قانداق ئىمتىھان بېرىشى ۋە قانداق مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىشىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. چۈنكى، بۇ دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلار قارىشى، ئادەم تەربىيەلەش قارىشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات، شۇنداقلا ھازىرقى مەنپەئەت قۇرۇلمىسىغا، تۈزۈلمە مېخانىزمىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر قاتلاملىق تەڭشەشتۇر. شۇڭا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدىن نۇرغۇن ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتىمىز.

        بىز شۇنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىزكى، بۇ قېتىمقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى ئوقۇتۇشقا باھا بېرىش شەكلىدىكى زور ئىسلاھات. ‹‹ئىككىنى ئاساس قىلىش، بىردىن پايدىلىنىش›› مۇھىم مەزمۇن قىلىنغان ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا باھا بېرىش ‹‹ئوقۇغۇچىنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، ئېستېتىكا جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش ئەھۋالى››نى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ‹‹ئىختىساسلىقلارنى كۆپ خىل يول ئارقىلىق تاللاش››نىڭ ئاساسىنى پۇختىلايدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ ‹‹قوماندانلىق كالتىكى›› ھەقىقىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ‹‹جۇڭگودا ئىشلەنگەن›› دېگەننى ‹‹جۇڭگو ئىجاد قىلغان››غا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ قابىل ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ چىقىدۇ.

        بىز شۇنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىزكى، بۇ قېتىمقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ تەڭ – باراۋەر بولۇشىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىسلاھات ئارقىلىق ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار، نوپۇس كۆپ ئۆلكىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ، نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدىغان يېزا نوپۇسىدىكىلەر بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، ئۇلار ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىدىن يېڭى ئۈمىدنى كۆرىدۇ، جەمئىيەتنىڭ تىك يۆنىلىشلىك ئايلىنىشى تېخىمۇ راۋانلىشىدۇ.

        بىز شۇنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىزكى، بۇ قېتىمقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئادىللىقنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئىسلاھاتتا، تەجرىبە – ساۋاقلارنى تولۇق يەكۈنلەپ، ‹‹يېڭى سىياسەت›› پەيدا قىلىدىغان ئەكس تەسىرنى ئامال بار ئازايتىش كېرەك. مەسىلەن، ئەسلىدىلا گۈزەل ئۈمىدلەر بىلەن تولغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش، كاپالەت سانغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى بىر قىسىم ساختىلىق، يالغانچىلىق قىلىش ۋە ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن ئەسلىي قىممىتىنى يوقىتىۋاتىدۇ. مۇھىمى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ‹‹ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىزىگە سولاپ››، ئاستىرتىن ئىش قىلىدىغان يوچۇقلارنى ئېتىپ، ‹‹سىياسەتنى ئۆزى بىلگەنچە بۇرمىلايدىغان قىلمىشلار››نى چەكلەش كېرەك.

        نۆۋەتتە، ئېلىمىزدىكى 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)نىڭ ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈلدى. ئىسلاھاتنىڭ باھار دولقۇنى ئۆركەشلىمەكتە، بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى خەلققە چوقۇم قانائەتلىنەرلىك ياخشى جاۋاب بېرەلەيدۇ.

        ‹‹خەلق گېزىتى››دىن

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.