مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    ئۈلگىلىك كەنت بەرپا قىلىشقا ئاتلانغان ئارا مەھەللىلىكلەر

    ئامانگۈل2017-03-06 17:44:30شىنجاڭ گېزىتى

      نۇرمۇھەممەت ئەخمەت، زۇلپىقار بەكرى

     غۇلجا شەھىرىنىڭ كېپەكيۈزى يېزىسى ئارا مەھەللە كەنتى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئەلرايى قۇرۇلۇشلىرىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

     بۇ كەنت ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات كەنت بولۇپ، كەنتنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز، دېھقانلارنىڭ كىرىمى تۆۋەن ئىدى. بۇ ئەھۋالغا قارىتا كەنت ‹‹ئىككى كومىتېتى›› ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىش، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق كەنتنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق ئەلرايى قۇرۇلۇشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇردى. 2011 – يىلىدىن ھازىرغا قەدەر مەركەز، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، 581 ئائىلىنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. كەنت ‹‹ئىككى كومىتېتى››دىكىلەر 2014 – يىلىدىن بۇيان يىلدا 30 قاراردىن ئارتۇق كۇرس ئېچىپ، كەنتتىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەپ، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. 2016 – يىلى يىل ئاخىرىدا كەنت يەنە 48 ياشقا ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشى ئۈچۈن 2000 يۈەندىن ياردەم قىلدى. ھازىر كەنتتە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 66گە، قەرەلسىز ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەنگەنلەر 300گە يەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا كەنتتە 50 كىشىدىن تەشكىللەنگەن قۇرۇلۇش ئەترىتى قۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۆي سېلىش تەننەرقى تېجەپ قېلىندى. كەنت ‹‹ئىككى كومىتېتى›› دېھقانلارنىڭ باقمىچىلىق ۋە ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن 2015 – يىلى 200 ئائىلىلىكنىڭ ھەر بىرىگە ئوندىن قوي، 2016 – يىلى 173 ئائىلىلىكنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن نەسىللىك سىيىر تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بەردى. دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىش ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن 2015 – يىلىدىن باشلاپ بۆلجۈرگەن تېرىغانلارنىڭ ھەر موسىغا 1000 يۈەن، مالىنا تېرىغانلارنىڭ ھەر موسىغا 2000 يۈەندىن تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ بۆلجۈرگەن ۋە مالىنا تېرىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ھازىر كەنتتە بۆلجۈرگەن تېرىلغان كۆلەم 454 موغا، مالىنا تېرىلغان كۆلەم 344 موغا يەتتى.

     كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سەيدىۋاققاس موللاتۇرغان مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ئەلرايى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، مائارىپنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. 2016 – يىلى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن 11 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە 6000 يۈەندىن ياردەم قىلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن مائارىپقا ئاجرىتىدىغان خىراجەتنى يەنىمۇ ئاشۇرىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا كەنتنىڭ يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەپ، يورۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىپ، ئۈلگىلىك كەنت بەرپا قىلىشقا تىرىشىمىز.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.