مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھىت

    ئاقتۇ دېھقانلىرى قاقاسلىققا ‹‹يېشىل تون›› كىيگۈزدى

    ئامانگۈل2017-03-06 17:42:46شىنجاڭ گېزىتى

      مۇختەر نۇرمۇھەممەت خەۋەر قىلىدۇ: ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسى بارىن كەنتىدىكى ئەلى ئابباس 2013 – يىلى كەنت سىرتىدىكى قاقاسلىقتا 40 مو يەر ئىچىپ، بارىن ئۆرۈكى تىككەنىدى. ئۇ كۆچەتلەرنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكتىن، 2016 – يىلى كۆچەتلەر مېۋىگە كىرىپ، قولىغا پۇل كىرىشكە باشلىدى، قاقاسلىقمۇ يېشىللىققا ئايلاندى.

     بۇ ناھىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خاس باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تەبىئىي ئەۋزەللىكنى تايانچ، بازار ئېھتىياجىنى يېتەكچى، دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت، كەسىپلەشتۈرۈشنى ۋاسىتە قىلىپ، تاشلاندۇق يەرلەرگە، قاقاسلىقلارغا سۇ باشلاپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە باغ بىنا قىلدى. تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، مېۋىلىك باغلارغا بۇغداي ۋە ئوت – چۆپلەرنى كىرىشتۈرۈپ تېرىدى. دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى قاقاسلىقتا بارىن ئۆرۈكى، چىلان، ياڭاقنى ئاساس قىلغان باغۋەنچىلىكنى، تاغلىق رايونلاردىكى قاقاسلىقتا جىغاننى ئاساس قىلغان خاس ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، قاقاسلىقلارغا ‹‹يېشىل تون›› كىيگۈزدى. بارىن، پىلال، ئۈژمە يېزىلىرىدا كۆچەت يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇردى. ھازىر ناھىيە بويىچە بىنا قىلىنغان مېۋىلىك باغ كۆلىمى 234 مىڭ موغا، بۇنىڭ ئىچىدە قاقاسلىقتا بىنا قىلىنغان باغ كۆلىمى 75 مىڭ موغا يېتىپ، باغۋەنچىلىك مەھسۇلات قىممىتى 40 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.