مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھىت

    پىچان ناھىيەسى يېشىل ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشقا كۈچىمەكتە

    ئامانگۈل2017-03-06 17:30:55شىنجاڭ گېزىتى

     مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسى يېشىل ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

     بۇ ناھىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيا بانكىسىنىڭ قەرز مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 530 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كۆكيار 2 – سۇ ئامبىرى، ئۆرتەڭ سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكىدە سۇ يېتىشمەسلىك زىددىيىتىنى مۇۋاپىق پەسەيتتى؛ 181 قۇدۇقنى تاقاپ، 75 مىڭ مو تېرىلغۇ يەرنى ئاق قالدۇرۇپ، يەر ئاستى سۇ ئورنىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى؛ 224 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 15 نۇقتىلىق ئورمان بەرپا قىلىش تۈرىنى يولغا قويۇپ، 91 مىڭ مو يەردە سۈنئىي ئورمان بەرپا قىلدى؛ 8000 مو يەرگە توغراق تىكىپ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش سېپىلى قۇردى؛ قۇم باسقان يەرلەرنى قوغداش تۈرىنى يولغا قويۇپ، 2020 مو يەردە ئېكولوگىيەلىك توسۇق قۇردى؛ قۇمتاغنى دۆلەت دەرىجىلىك قۇم باغچىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلدى؛ 27 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى بىر تۇتاش تۈزەش تۈرىدىن 12 نى يولغا قويدى؛ ‹‹جىنخۇي›› شىركىتىنىڭ قالدۇق ئىسسىقلىقتىن توك چىقىرىش، مەركەزلىك ئىسسىتىش، پار قازانلىرىنى بىرلەشتۈرۈش تۈرىنى يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.