مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    مەرەمنىسا ۋە ئۇنىڭ ‹‹ئاچىسى›› ۋاڭ شىفاڭ

    ئامانگۈل2017-03-06 17:19:50شىنجاڭ گېزىتى

    مۇخبىرلىرىمىز ئەكبەر ئىسمائىل، يۆ يەنيۈن

     مەرەمنىسا ئابدۇللا بىلەن ۋاڭ شىفاڭ 2013 – يىلى 7 – ئايدا تونۇشقانىدى. شۇ چاغدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەرەمنىسا ئابدۇللا يازلىق تەتىلدە يۇرتى لوپ ناھىيەسىنىڭ دول بازىرى باغچە كەنتىگە كەلگەنىدى، خۇنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا كېلىپ، تۆت – بەش يىلدىن بۇيان دول بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىدە ئىشلەۋاتقان ۋاڭ شىفاڭ باغچە كەنتىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىندا ئۇنى ئۇچرىتىپ قالدى. ۋاڭ شىفاڭ مەرەمنىسانىڭ ئانىسى چىنارخان مەتنىياز بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ تۇرغىنىغا قاراپ، ئانا – بالا ئىككىيلەنگە مەستلىكى كەلدى.

     ئانامدىن بالدۇر ئايرىلىپ قالغانىدىم، ئەينى چاغدا مەرەمنىسانىڭ ئانىسىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ سۆيۈنۈپ كەتتىم، دېدى ۋاڭ شىفاڭ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ تېزلا چىقىشىپ قالدىم، چىنارخان ئاچاممۇ ماڭا ئۆز قىزىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ.

     بۇ ‹‹ئاچا – سىڭىل›› شۇنىڭدىن كېيىن پات – پات كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان بولدى. مەرەمنىسا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەتكەندە، ۋاڭ شىفاڭ چىنارخان مەتنىيازنىڭ ئۆيىگە دائىم بېرىپ تۇردى، چىنارخان مەتنىياز بىلەن ئۇنىڭ ئېرى ئابدۇللا سىدىق يېزىدا ئىشلەيدىغان بۇ ‹‹قىزى››غا ئامراق بولۇپ قالدى. ئۇلار ۋاڭ شىفاڭنىڭ پولۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ھەپتىدە بىر – ئىككى قېتىم ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ تۇردى. ۋاڭ شىفاڭ بەزىدە ئۆزى يالغۇز، بەزىدە خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە باغچە كەنتىدىكى بۇ ‹‹ئاتا – ئانىسى››نىڭ ئۆيىگە باراتتى. مەرەمنىسا تەتىل كۈنلىرى ئۆيىگە كەلگەندە، ۋاڭ شىفاڭ خوتەن ۋوگزالىغا بېرىپ ئۇنى كۈتۈۋالاتتى، مەكتەپكە ماڭغاندا ۋوگزالغىچە ئۇزىتىپ باراتتى.

     ۋاڭ شىفاڭ ئاچام بىلەن بەك يېقىن ئۆتىمىز، دېدى مەرەمنىسا، ئۇ بىزگە كۆپ ياردەم بەرگەن، 2015 – يىلى 8 – ئايدا ئانام ئۆتكە تاش چۈشكەنلىكى سەۋەبلىك ئوپېراتسىيە قىلىنىپ كۆپ چىقىمدار بولغانىدۇق، شۇڭا شۇ يىللىق ئوقۇش پۇلۇم ئۆيدىكىلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرغانىدى.

     ئابدۇللا سىدىق خوتۇنى ئاغرىپ قېلىشتىن ئىلگىرى ئۆسۈمسىز قەرز ئالغانىدى، پۇلنىڭ بىر قىسمىنى مەرەمنىسانىڭ ئوقۇشىغا، قالغىنىنى باقمىچىلىققا ئىشلەتمەكچى ئىدى، لېكىن بۇ پۇل ئوپېراتسىيە ھەققى ۋە كېيىنكى كۈتۈنۈش بىلەن تۈگەپ كەتتى. مەرەمنىسا ئۆيىدىكىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۇققاچقا، ئوقۇشتىن توختاپ قالماقچى بولدى.

     ۋاڭ شىفاڭ چىنارخان مەتنىيازنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنى بىر قانچە قېتىم يوقلاپ كەلدى. گەرچە مەرەمنىسا كۆڭلىدىكىنى ئۇنىڭغا ئېيتمىغان بولسىمۇ، لېكىن ۋاڭ شىفاڭ ئۇلارنىڭ پۇلدىن قىسىلىۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ قالدى.

     شۇ يىلى 9 – ئاينىڭ بېشىغۇ دەيمەن، دېدى چىنارخان مەتنىياز، يېڭىلا دوختۇرخانىدىن چىققاچقا، ئۆيدە ئارام ئېلىۋاتقانىدىم. ۋاڭ شىفاڭ باشقا ئىككى كادىر بىلەن كىرىپ كەلدى ۋە گەپ قىلمايلا 5000 يۈەننى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى.

     بۇ ئىش مەرەمنىسانىڭ ئاتا – ئانىسىنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. يېزىغا كەتكەن مەرەمنىسا چۈشكە يېقىن قايتىپ كېلىپ، بۇ ئىشنى ئۇقتى دە، ۋاڭ شىفاڭغا تېلېفون بېرىپ رەھمەت ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى.

     ـ سەن سىڭلىم تۇرساڭ، ئاچاڭ تۇرۇپ بۇنچىلىك ئىشنى قىلمىسام بولامدۇ! ئاتا – ئانىمىزنى غەمگە قويمايلى، خاتىرجەم ئوقۇغىن، -دېدى ۋاڭ شىفاڭ مەرەمنىسانى ياخشى ئوقۇشقا ئۈندەپ.

     مەرەمنىسا ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن مەكتەپكە ماڭدى، ۋاڭ شىفاڭمۇ پات – پات ۋاقىت چىقىرىپ ئابدۇللا سىدىق بىلەن چىنارخان مەتنىيازنى يوقلاپ تۇردى. ئۇ بۇلتۇر يىل بېشىدا ئابدۇللا سىدىققا قوي ئېلىپ بەرمەكچى بولۇپ، بۇ ئىشنى ئېرى بىلەن مەسلىھەتلەشتى ۋە ئالتە ساغلىق سېتىۋېلىپ، ئۇلارغا ئاپىرىپ بەردى.

     ۋاڭ شىفاڭ بۇلتۇر كۈزدە تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىپ قالدى.

     تۇغقانلىرىمنىڭ ھەممىسى خۇنەندە، ئېرىم ھەربىي قىسىمدا بولغاچقا، ئۆزۈم يالغۇز ئۈرۈمچىگە بېرىپ داۋالاندىم، دېدى ۋاڭ شىفاڭ، كېسەل كارىۋىتىدا يالغۇز يېتىپ، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. دوختۇر ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ھەرىكەت قىلماي دەم ئېلىشقا بۇيرۇدى، يىغا تۇتۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۆزۈمنى زورىغا بېسىۋالدىم. پاراڭلىشىش ئۈچۈن مەرەمنىساغا تېلېفون بەردىم، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالدى، تېلېفونلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ دوختۇرخانىغا كەپتۇ، ئۇ مېنى كۆرۈپ يىغلاپ كەتتى.

     مەرەمنىسا ۋاڭ شىفاڭ تېلېفون بەرگەندە كۇتۇپخانىدا كىتاب كۆرۈۋاتاتتى، ئۇ ۋاڭ شىفاڭنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ مىجەزى يوقلۇقىنى پەرەز قىلىپ، نەدە ئىكەنلىكىنى سوراپ تۇرۇۋالدى.

     دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇنىڭ كېسەلخانىدا يالغۇز ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى، شۇڭا دەرھال سىنىپ مەسئۇلىمىزغا تېلېفون بېرىپ، ئاچامنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقىنى، بىر ھەپتە رۇخسەت سوراپ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسام بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم، دېدى مەرەمنىسا.

     مەرەمنىسا شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ھەپتىدە ۋاڭ شىفاڭنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، ۋاڭ شىفاڭ كارىۋاتتىن چۈشەلمىگەچكە، ئۇنىڭغا تاماق توشىدى، كىر – قېتىنى يۇيدى، يۈز – كۆزىنى سۈرتتى، كېچە – كۈندۈز يېنىدىن ئايرىلماي قارىدى. ئابدۇللا سىدىق بىلەن چىنارخان مەتنىياز قىزى بىلەن تېلېفونلاشقاندا ۋاڭ شىفاڭنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى يوقلاپ ئۈرۈمچىگە بارماقچى بولدى، بىراق ئۇلار خوتەندىن چىقىپ باقمىغاچقا، ۋاڭ شىفاڭ بىلەن مەرەمنىسا ئۇلارنى سەپەردىن توسۇپ قويدى.

     ئۇلار مېنى ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ بىلگەچكە غېمىمنى يېدى، گەرچە ئۈرۈمچىگە يوقلاپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، كۈندە دېگۈدەك مەرەمنىسادىن ئەھۋالىمنى سوراپ تۇردى، ئۇلارنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، ئۇلار مېنىڭ تۇغقانلىرىم، دېدى ۋاڭ شىفاڭ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.