مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    كوئېنلۇن تاغ باغرىدا پورەكلەپ ئېچىلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق گۈللىرى

    مەۋلۇدە2017-03-03 17:49:56تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    ئابدۇرېھىم تۇرسۇن، ئايگۈل مەمەتتۇرسۇن

     كوئېنلۇن تاغ باغرىغا جايلاشقان 14-شى 1-چارۋىچىلىق مەيدانىدا ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر بۇ جاينى سۇغىرىپ ۋە كۆكەرتىپ، بىللە ياشاپ، بىللە ئىشلەپ، ئۆزئارا ياردەم قىلىشىپ كەلدى.

     چارۋىچىلىق مەيدانى قۇرۇلغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە تۈزۈلمە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «قوش تىل»لىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان «چوڭ پېچ» لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈردى. بۇ چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق، ئىتتىپاق بولۇپ، ئۆز ئارا سىردىشىپ، ھەمنەپەس ھەم قەلبداش بولۇپ، بەخت گۈللىرىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى بۇ يەردە پورەكلەپ ئېچىلدۇردى.

      بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق بولۇپ ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنى سۇغىرىش

     يېقىندا 1-چارۋىچىلىق مەيدانى 2-ليەنىدىكى ئۇيغۇر مالچى مەمەتئابلا توختىروزى 20 قويىنى سېتىپ، قولىدىكى بىر تۇتام پۇلنى سانىغاچ بىزگە مۇنداق دېدى: ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى، چارۋىچىلىق فېرمىسى بىزگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، بىز پۇل تاپتۇق، تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى.

     بەش يىل بۇرۇن بۇ چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ رەھبىرى لى شيەن مەمەتئابلا توختىروزىغا «مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق بولۇش، باھاغا سۇندۇرۇپ ئائىلىلەرگە بېرىش» قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا 30 مىڭ يۈەن قەرز پۇل ھەل قىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يار-يۆلەك بولغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى «بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ماھىرلىرى» نىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدى.

     چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى يىل بويى تاغدا چارۋا بېقىپ يۈرگەچكە، تۇرالغۇ مۇھىتى ناچار بولۇش، بالنېتسىدا يېتىپ داۋالىنىشى قىيىن بولۇش، پەرزەنتلىرىنى ئۆز جايىدا ئوقۇتۇش تەس بولۇشتەك مەسىلىلەرگە ئۇچرايتتى. يېقىنقى يىللاردا، چارۋىچىلىق مەيدانى پارتكومى شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى ۋە بىڭتۈەننىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تۈەن-مەيداننىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى» نى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى.

     ھازىرغىچە، چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ %45 تىن ئارتۇق ئىشچىسى ئازادە بىنالارغا كۆچۈپ كىردى. بۇ يەردىكى ھەر مىللەت خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى ئۇلارنى تولۇپ تاشقان مۇھەببەت ۋە ئۈمىد ـ ئىشەنچگە ئىگە قىلدى.

      «قوش تىل» لىق مائارىپ ئارقىلىق ئىتتىپاقلىق غۇنچىلىرىنى يېتىلدۈرۈش

      بىز يېقىندا 1-چارۋىچىلىق مەيدانى ئوتتۇرا مەكتىپىدە زىيارەتتە بولدۇق. بۇ كۈنى بىر توپ قىزىل گالىستۇك تاقىۋالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مەيداندا خۇشال ئويناۋاتقان بولۇپ، بىزنى كۆرۈپ ئۆلچەملىك دۆلەت تىلى تەلەپپۇزىدا: «تاغا، ياخشىمۇسىز!» دەپ سالام قىلدى. 

     ــ سـىلەرنـىڭ دۆلەت تـىلى سـەۋىيەڭـلەر قـانداقسىـگە بـۇنـچـە ياخـشـى؟ ــ دەپ سورىدۇق بىز.

     ــ بىز يەسلىدىن باشلاپ دۆلەت تىلى ئۆگىنىشكە باشلىغان، دۆلەت تىلىنى ناھايىتى راۋان ئىشلىتىپ، سۆزلىيەلەيمىز ــ ئايجۈمە مەتروزى ئىسىملىك ئوقۇغۇچى تېزلا جاۋاب بەردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: مەن ئۆينىڭ كىچىك تەرجىمانى، ئاتا-ئانام دۆلەت تىلىدىكى تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىنى كۆرگەندە مەندىن ئايرىلالمايدۇ، مەن تېخى ئۈرۈمچىگە دۆلەت تىلىدا نۇتۇق سۆزلەشكە بارغان.

     چارۋىچىلىق مەيدانى باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى گاۋ شىياۋبىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئايجۈمە مەتروزى بىڭتۇەندىكى 300 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋاكالىتەن بىڭتۈەن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ 5-قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلغان ئىكەن.

     گـاۋ شيـاۋبـىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چارۋىچىلىق مەيدانى ئوتتۇرا مەكتىپى «قوش تىل» لىق مائارىپ ئەندىزىسىنى يولغا قويغان بولۇپ، نۆۋەتتە مەكتەپتە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى %93 تىن ئاشىدۇ. يەسلىدىن تارتىپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بارلىق دەرسلەر قوش تىلدا ئۆتۈلىدۇ. چىرا ناھىيەسىنىڭ نۇرى يېزىسى، بوستان يېزىسى قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ بالىلىرىمۇ چارۋىچىلىق مەيدانى مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىردى. نۆۋەتتە يەرلىك يېزا-بازارلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار %30 نى ئىگىلەيدۇ.

     گاۋ شياۋبىڭ يەنە مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بالىلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش، «قوش تىل» ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى پۇختا ئېلىپ بېرىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇل ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى ھەمدە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ دوستلۇق رىشتىنى مۇجەسسەملەشتىكى «چوڭ پېچ» بولۇپ قالدى، «قوش تىل» ئوقۇتۇشى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ ياشاش ئالاقىسى ئۈچۈن قەلب كۆۋرۈكى ياساپ بەردى» دېدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.