مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    «سەفىيە» شىركىتىدىكى 60 ئەتىرگۈل

    پەرغانە غوپۇر2017-03-01 16:24:13شىنجفڭ گېزىتى

     شىنجاڭ ‹‹سەفىيە›› خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغان ئالتە يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خانىم – قىزلارغا ئۆگىنىش سورۇنى ھازىرلاپ بېرىپ، ئۇلارغا ‹‹سەفىيە›› ماركىسى بىلەن تىرىكچىلىك يولى تېپىپ بەردى، ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان، يۇرتىدىن چىقىپ باقمىغان خانىم – قىزلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، دۇنيا قارىشىنى ئۆزگەرتتى. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان بىر قىسىم ياشلارغا ياخشى بىر تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى.

     تۇنساگۈل قادىر ‹‹سەفىيە›› شىركىتىنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ۋاكالەتچىسى بولۇپ، ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغانىدى. كېيىنچە ئۇ چاچ ياساش، پەردازلاش كەسپىنى ئۆگىنىپ، 2004 – يىلىدىن 2014 – يىلىغىچە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە كىچىك بىر پەردازخانا ئېچىپ تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەنىدى. ئۇ ‹‹سەفىيە›› ماركىسىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، بۇ ماركىنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ۋاكالەتچىلىكىنى ئالماقچى بولدى. ‹‹سەفىيە›› ماركىسىدىكى پەرداز بۇيۇملىرىنى سېتىش ھەم پەردازچىلىق قىلىشتا، ئازادە بېزەلگەن دۇكان بولۇشى، مال كىرگۈزۈش ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىساد بولۇشى كېرەك ئىدى. ئون يىل پەردازچىلىق قىلىپ تاپقان پۇلى بىلەن ئائىلىسىنىڭ چىقىمىنى ئاران قامداپ كېلىۋاتقان تۇنساگۈلنىڭ چوڭراق دۇكاننى ئىجارە ئېلىپ، بېزەپ، مال سېلىشقا قۇربى يەتمەيتتى. بۇ قىزنىڭ تىرىشچان، پەردازچىلىق ساھەسىگە ئوتتەك ئىشتىياقى بارلىقىنى ھېس قىلغان ئامىنە گايىت ئۇنىڭغا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا قاراتقان ئەۋزەل سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىدىن ئۆسۈمسىز قەرز پۇل ئېلىشىغا ياردەم قىلدى ھەمدە دەسلەپتە ‹‹سەفىيە›› ماركىسىدىكى پەرداز بۇيۇملىرىنى نېسىگە بەردى. ئامىنە خانىمنىڭ تۇنساگۈلنى ئىزچىل قوللاپ تەربىيەلىشى، كەسىپكە، دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا، يېڭى فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە ئائىت نۇرغۇن ماتېرىياللارنى كۆرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈشى نەتىجىسىدە، ئىككى يىلدا تۇنساگۈلنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. ئۆزىنىڭ ئەلا مۇلازىمىتى ھەم ۋاكالەتچى بولۇۋاتقان پەرداز بۇيۇملىرىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى چوڭ بىر دۇكاننىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى.

     نۇرغۇن ئىسسىق – سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئامىنە خانىم ئايال كىشىنىڭ سودا قىلمىقىنىڭ ئۇنچە ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇ بېشىغا كۈن چۈشكەن، ھەتتا ھاياتىدىن ئۈمىد ئۈزگەن نۇرغۇن ئايالنى يار لېۋىدىن تارتىپ، ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن يۆلەپ، چىقىش يولى تېپىپ بەردى.

     قەشقەر شەھىرىدىكى گۈلمېھرە ئىلگىرى ئۆز ئالدىغا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەخسۇس ئىچ كىيىم بۇيرۇتۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بازىرىدا توپ تارقىتىدىغان ياش سودىگەرلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېرىدىغانلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كېتىپ، تاپقان پۇللىرىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى. ئۇ بۇ سورۇقچىلىقلارغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، تۇرمۇشىمۇ خاتىرجەم بولماي، ھاياتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن كۈنلەردە ئامىنە خانىم ئۇنى ئىزدەپ كەلدى، ئۇنىڭ يەنىلا قەرز ئىگىلىرىدىن قورقۇپ قېچىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، بۇ ئىشنى قانۇن يولى بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى، جازانىخورلارنىڭ قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا دۇكاننىڭ پۈتۈن چىقىمىنى كۆتۈرۈپ ‹‹سەفىيە›› مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئېچىپ بەردى. گۈلمېھرە ئىككى يىلدىن بۇيان ‹‹سەفىيە›› مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىن قىلغان كىرىمىگە تايىنىپ قالدۇق قەرزلىرىنى تۈگەتتى.

     يېڭىسار ناھىيەسىدىكى ‹‹گۈزەللىك دۇنياسى›› پەرداز بۇيۇملىرى دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ھاجىگۈل ئابدۇكېرىم 1995 – يىلى تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، ئۇ خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ بەش يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، خىزمەتتىن چىكىنىپ پەرداز بۇيۇملىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانىدى. كىشىلەرنىڭ تېرە ئالاھىدىلىكىنى، قانداق ئادەمگە قانداق پەرداز بۇيۇملىرىنىڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ تازا چۈشەنمىگەن ھاجىگۈلنىڭ دەسلەپتە تىجارىتى تازا يۈرۈشۈپ كېتەلمىدى. ئۇ 2011 – يىلى يېڭى چىققان ‹‹سەفىيە›› ماركىسىدىكى پەرداز بۇيۇملىرىنى ئۆزى ئىشلىتىپ، ياخشىلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، بۇ ماركىغا ئالاھىدە قىزىقتى ھەم بۇ ساھەدە ئۆزىنىڭ سەۋىيەسىنىڭ بەكلا تۆۋەنلىكىنى بىلىپ، ئامىنە خانىمنى ئىزدەپ تېپىپ، ‹‹سەفىيە›› ماركىسىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدىكى ۋاكالەتچىلىكىنى ئالدى. ئۇ شىنجاڭ ‹‹سەفىيە›› خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەخسۇس ۋاكالەتچىلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىي شىنجاڭ ‹‹تىنچ ئوكيان›› ھۆسن تۈزەش، تەربىيەلەش مەكتىپىدە ھۆسن تۈزەش بىلىملىرىنى، شىنجاڭ ‹‹سەفىيە›› خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىدە تېرە ئالاھىدىلىكى بويىچە پەرداز بۇيۇملىرىنى سېتىشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، يېڭىسار ناھىيەسىدىكى خېرىدارلارنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدىغان بولدى.

     ئامىنە گايىتنىڭ تېرىگە قاراپ پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەندە گۈزەل بولۇش مۇددىئاسىغا يەتكىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى لېكسىيەسى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ كېرىيە ناھىيەسىدە خىزمەت كۈتۈپ تۇرغان بۇئايشەم ئېلىگە بەكلا تەسىر قىلدى. ئۇ مېدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇغاچقا، بۇ جەھەتتىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشىنەتتى. ئۇ ‹‹سەفىيە›› شىركىتىنىڭ تېرىنىڭ بۇزۇلۇش سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىپ، شۇنىڭغا قارىتا تېرىگە پايدىلىق پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ، ‹‹سەفىيە›› شىركىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى ۋاكالەتچىسى بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملىرى بىلەن پەرداز قىلىشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹سەفىيە›› شىركىتىنىڭ ۋاكالەتچىسى بولغان تۆت يىلدىن بۇيان ناھىيەدىكى نۇرغۇن خانىم – قىزلارنىڭ تېرە ئاسراش ۋە گۈزەللىك ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بۇ ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىستۇدېنت ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇپ قالدى. ‹‹سەفىيە›› شىركىتىدىكى 60 نەچچە ئەتىرگۈل ئامىنە خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغانلار قايتىدىن تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. پۇلى يوقلار ئامىنە خانىمنىڭ ياردىمى، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن پۇلغا، بىلىمگە ئىگە بولدى. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلارمۇ پۇل تاپقاندىن كېيىن ئەتراپىدىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە مېھىر يەتكۈزۈشنى، ئوقۇشسىز قالغان بالىلارنى ئوقۇتۇشنى ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى، دەپ بىلىدىغان بولدى.

    مۇيەسسەر ئاباھامىت تەييارلىغان

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.