مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    «سەفىيە»نىڭ خۇشاللىقى

    پەرغانە غوپۇر2017-03-01 16:21:34شىنجاڭ گېزىتى

     قاراقاش ناھىيەسىدە 2016 – يىل 12 – ئاينىڭ 20 – كۈنى بىر قىز بوۋاق قورسىقى يىرىق ھالەتتە تۇغۇلۇپ، ھاياتى قىل ئۈستىدە قالغانىدى. بۇ بوۋاق ھەر تەرەپتىن ئالاقىلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق 12 – ئاينىڭ 21 – كۈنى سەھەردە ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىندى. بۇ بوۋاق ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنىۋاتقان كېچىسى نۇرغۇن كىشى مۇشۇ بوۋاق ئۈچۈن كىرپىك قاقمىدى، بوۋاققا ئامانلىق تىلىدى. ئاق كۆڭۈل كىشىلەر، ‹‹مېھرىبان ساقچىلار›› خەير – ساخاۋەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، ئادەتتە 20 سائەتتە بېسىلىدىغان 1420 كىلومېتىرلىق مۇساپە 13 سائەتتە تاماملىنىپ، بالا ئۈرۈمچىگە ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈپ، ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، ئەمدىلا يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان بۇ نارەسىدە قۇتقۇزۇپ قېلىندى. شۇ كېچىنى ئامىنە گايىتمۇ كىرپىك قاقماي ئۆتكۈزدى. چۈنكى ئۇمۇ ‹‹مېھرىبان ساقچىلار›› خەير – ساخاۋەت ئەترىتىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇپ، ئۇ ساقچىلاردەك بوۋاق ئېلىپ كېلىنىۋاتقان ئاپتوموبىلغا يول ئىچىپ بېرەلمىسىمۇ، ئۆزى قىلالايدىغان ھەر قانداق بىر ياردەم ئۈچۈن تەق بولۇپ تۇردى. بۇ بوۋاق ئامىنە خانىمغا ئوخشاش جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، خەتەرلىك باسقۇچتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى.

     شىنجاڭ ‹‹سەفىيە›› خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئامىنە گايىت باشقىلارغا ياردەم قىلىشقا ئامراق، ئاجىز – غېرىبلارغا مېھرىبان، باغرى يۇمشاق ئايال بولۇپ، باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى ئۆزىنىڭ ھاياتلىق مىزانى قىلىپ كەلگەنىدى. ئۇ پۇل تاپقاندا ئەتراپىدىكى قېرىنداشلىرىنى، مېھىر – مۇھەببەتكە تەشنا كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالماي، ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى مەجبۇرىيىتىم، دەپ بىلدى. ئىگىلىك تىكلەپ پۇل تاپقاندا قىيىنچىلىقى بارلارنى يۆلەشنى قولدىن بەرمەي، ساخاۋەتچىلەر سېپىگە قېتىلدى. ئامىنە خانىم ئىگىلىك تىكلەش يولىغا قەدەم قويغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار، قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلار ۋە يېتىم بالىلار، قىيىنچىلىقى ئېغىر ئاياللار، تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە باشقا ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئاغرىقلارغا ياردەم بەردى ھەم ‹‹مېھرىبان ئانىلار›› كوللېكتىپى، ھەرقايسى ساخاۋەت ئەترەتلىرى ۋە ساخاۋەت فوندىلىرىنى يېقىندىن قوللاپ كەلدى.

     ئامىنە خانىم شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەر يىلى 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ماددىي بۇيۇم بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ گۈزەللىكى، پاكىز بولۇشى ئۈچۈن ئۈن – تىنسىز خىزمەت قىلىۋاتقان تازىلىق ئىشچىلىرىدىن ھال سوراشنى ئۆزىنىڭ خىزمەت تەرتىپىگە كىرگۈزۈۋەتكەنىدى. ‹‹مېھرىبان ساقچىلار›› خەير – ساخاۋەت ئەترىتىگە ھەمكارلاشقۇچى بولۇپ، بۇ ئەترەتكە ھەر يىلى 100 مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇ ئەترەت مۇراجىئەتنامە چىقارغان قىيىنچىلىققا يولۇققانلارغا ياردىمىنى ئايىمىدى. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ‹‹سەفىيە›› شىركىتىنىڭ ۋاكالەتچىلىرىمۇ ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ‹‹مېھرىبان ساقچىلار›› خەير – ساخاۋەت ئەترىتىگە ئەزا بولۇپ، ھەر ئايدا مەخسۇس پۇل ئاجرىتىپ، ‹‹مېھرىبان ساقچىلار›› خەير – ساخاۋەت ئەترىتىنىڭ خەيرلىك ئىشلىرىنى قوللىدى. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ‹‹سەفىيە›› شىركىتىدىكىلەر ‹‹مېھرىبان ساقچىلار›› خەير – ساخاۋەت ئەترىتىنىڭ ‹‹مۇنەۋۋەر ھەمكارلاشقۇچى››سى بولدى. بۇ شىركەت يەنە مائارىپنى ئالاھىدە قوللاش يۈزىسىدىن، ھەريىلى شىركەت قۇرۇلغان خاتىرە كۈنى، يەنى 9 – ئاينىڭ 9 – كۈنى شىركەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش باھاسىنى چۈشۈرۈپ، شۇ كۈنى كىرگەن سودا كىرىمىنىڭ %5 ىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئىئانە قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇش بىلەن بىللە، باشقا كارخانىچىلارنىمۇ مائارىپنى قوللاشقا چاقىرىق قىلدى. ‹‹يۇلتۇز – قۇندۇز›› خەير – ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يىراق يېزا – قىشلاقلىرىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئۇلار ئۈچۈن ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىش ھەرىكىتىنى قوللاپ، جايلاردىكى ۋاكالەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە يىلىغا 72 مىڭ 200 يۈەننى ‹‹يۇلتۇز – قۇندۇز›› خەير – ساخاۋەت فوندىغا ئاتىدى.

     ئامىنە گايىت ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ تارتاجىك يېزىسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە ‹‹سەفىيە›› قىرائەتخانىسى سېلىپ بەردى. بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇشى ياخشى، ئائىلىسىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار 20 ئوقۇغۇچىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە بولغان بارلىق چىقىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇلارنى داۋاملىق تىرىشىپ ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

     ئامىنە گايىت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلدى ھەم مەكتەپكە نەچچە قېتىم بېرىپ، ئىستۇدېنتلارغا مىننەتدارلىق تۇيغۇسى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. مەكتەپ رەھبەرلىرى ئامىنە گايىت بۇ مەكتەپكە ئاتىغان پۇلنى ‹‹سەفىيە›› ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، دېگەن نام بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزدى، ھەم ئامىنە گايىتقا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ‹‹پەخرىي ئوقۇتقۇچىسى›› دېگەن شەرەپ گۇۋاھنامىسى بەردى. ئامىنە خانىم شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹شېرىن چۈش›› پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ‹‹شېرىن ئارزۇ››لىرىنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن ياردەم قىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.