مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    خانىم-قىزلارنىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن

    پەرغانە غوپۇر2017-03-01 16:19:58شىنجاڭ گېزىتى

     شىنجاڭ ‹‹سەفىيە›› خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاۋات بازارلىرىنىڭ بىرى بولغان دۆڭكۆۋرۈككە جايلاشقان يېڭى شىركەت ئورنىغا كۆچۈپ كىرىپ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 60 نەچچە ۋاكالەتچىسى بىلەن يېڭى شىركەتنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. ئۇلار شۇ كۈنى ‹‹سەفىيە›› شىركىتىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان ۋە ئۆزلىرى ئىزچىل ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم خەير – ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئالتە يىللىق تەرەققىيات نەتىجىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ، گۈزەل مىنۇتلارغا شاھىت بولدى.

     2011 – يىلى قۇرۇلغان شىنجاڭ ‹‹سەفىيە›› خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئالتە يىل مابەينىدە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى. بۇ شىركەت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خانىم – قىزلارنىڭ گۈزەللىك، ئېستېتىك ئېھتىياجىغا ماس ھالدا يۇقىرى سۈپەت، ئەلا مۇلازىمەت، زامانىۋى تىجارەت ئەندىزىسى بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

     ئامىنە گايىت باي ناھىيەسىنىڭ توقسۇن يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى بانكا خادىمى، ئاپىسى ئۇششاق تىجارەت، دېھقانچىلىق ۋە باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئۇ 1992 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك بانكا مەكتىپىنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىگە ئوقۇشقا كېلىپ، 1995 – يىلى مەكتەپ پۈتكۈزدى. ئامىنە خانىم 1995 – يىلىدىن 1999 – يىلىغىچە بىر تەرەپتىن ئاپىسى تاجىگۈل خانىمنىڭ تىجارەت ئىشلىرىغا ياردەملەشسە، يەنە بىر تەرەپتىن تەجرىبە توپلاشقا، سودا ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا بىلىملەرنى ئىگىلەپ، ئاستا – ئاستا تىجارەت يولىغا قەدەم قويدى. 1999 – يىلىدىن 2003 – يىلىغىچە شىنجاڭ ‹‹قىران بۈركۈت›› سودا سارىيىنىڭ مالىيە باشقۇرۇش بۆلۈمىدە مالىيە بوغالتىرلىق خىزمىتىنى ئىشلىدى. مۇشۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ دادىسى ۋاپات بولۇپ، ئاپىسى تېخى ئۇچۇم بولمىغان پەرزەنتلىرىنى قاتارغا قېتىشتا چوڭ ئىقتىسادىي بېسىمغا ئۇچرىدى. بۇنى كۆرگەن ئامىنە ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، 2003 – يىلىدىن 2011 – يىلىغىچە ئۆز ئالدىغا تىجارەت بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ جەرياندا ئۇ ھەر خىل تۈردىكى پەرداز بۇيۇملىرىنى ساتتى. پەرداز بۇيۇملىرىنى سېتىش جەريانىدا نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەتلەرنى تارتتى. ئۇ دەسلەپ كىرگۈزگەن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بازار تاپقان پەرداز بۇيۇملىرى شىنجاڭدىكى خېرىدارلارنىڭ تېرە ئالاھىدىلىكىگە تازا ماس كەلمىدى. ئۇ پەرداز بۇيۇملىرى تىجارىتىنى قىلىش جەريانىدا سېتىپ چىقىرىشنىلا ئەمەس، ئالدى بىلەن خېرىدارلارنىڭ تېرە ئالاھىدىلىكىنى ھەم ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدى. بۇ جەرياندا ئۇ نۇرغۇن تەجرىبە – ساۋاقنى يەكۈنلەپ، شىنجاڭدىكى خانىم – قىزلارنىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن ئىزدىنىشنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويمىدى. ئۇ شىنجاڭنىڭ ھاۋا كىلىماتى ۋە كىشىلەرنىڭ تېرە ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا نۇرغۇن ماتېرىيال كۆرۈپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك ئالاھىدىلىكى، تېرىنىڭ بالدۇر قېرىش سەۋەبلىرىنى تەتقىق قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاخىر شىنجاڭنىڭ ھاۋاسىغا ماس كېلىدىغان پەرداز بۇيۇملىرىنىڭ ماتېرىيالىنى تېپىپ چىقتى. ئامىنە خانىم 2011 – يىلى يېڭى تەتقىقاتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى داڭلىق پەرداز زاۋۇتلىرىغا ئاپىرىپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە پەرداز بۇيۇملىرى ياساتماقچى بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇستەقىل بىر ماركىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى، شۇنداق بولغاندىلا ئۆز ئىجادىيىتى، ئۆز مەھسۇلاتىغا ئۆزى ئىگە بولغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، قىزىنىڭ ئىسمىنى ماركا نامى قىلىشنى توغرا تاپتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ‹‹سەفىيە›› ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، بۇ ماركىدا ئۆز ئالدىغا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىۋەتتى. ئۇ ‹‹سەفىيە›› ماركىسىنى پەرزەنتىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، پەرزەنتىگە كۆيۈنگەندەك كۆيۈندى. 2013 – يىلىغا كەلگەندە، رەسمىي ھالدا شىنجاڭ ‹‹سەفىيە›› خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇردى. ئۇ دەسلەپتە ‹‹سەفىيە›› ماركىسىدىكى پەرداز بۇيۇملىرىنى بازارغا سالغاندا شىنجاڭدىكى تۆت ۋاكالەتچى بىلەن ئىش باشلىغانىدى. شۇ مەزگىلدە ئۇ يەنە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ، پەرداز بۇيۇملىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا ئۆزى بۇ ساھەدە توپلىغان تەجرىبىلىرىنى، ئالدى بىلەن تېرە داۋالاش، ئاندىن شۇ تېرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرداز بۇيۇملىرىنى تەڭشەپ بېرىش توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. شۇنىڭ بىلەن ‹‹سەفىيە›› ماركىسىغا قىزىقىدىغانلار، بۇ ماركىغا ۋاكالەتچى بولۇشنى خالايدىغانلار كۈندىن – كۈنگە كۆپەيدى. ئالتە يىلدا ‹‹سەفىيە›› شىركىتىنىڭ ۋاكالەتچىلىرى كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىپ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ‹‹سەفىيە›› مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى بار بولدى. شىنجاڭ ‹‹سەفىيە›› خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 200 دىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ‹‹سەفىيە›› مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى مال سېتىش بىلەن بىللە، خېرىدارلارنىڭ تېرىسىدىكى ھەر خىل نۇقسانلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، خېرىدارلارنى گۈزەللىك ئارزۇسىغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق ‹‹سەفىيە›› شىركىتىنىڭ ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

     ئامىنە خانىم ئىگىلىك تىكلەشتە خىزمەتچىلەرنى ئۆزى بىلەن تەڭ يېتەكلەپ ماڭدى، شىركەتتىكى خادىملار ۋە ۋاكالەتچىلىرىنى يىلدا ئۈچ قېتىم مەخسۇس تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرسە، چەت ئەل ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تەرەققىي قىلغان رايونلار شۇنداقلا ئۆز ماركىسىدىكى مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى. خىزمەتچىلىرىنىڭ تەربىيەلىنىش، ساياھەت قىلىش، سۇغۇرتىسىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇلارغا شىركەتتىن ھەرخىل تولۇقلىما ياردىمى بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ‹‹سەفىيە›› شىركىتىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا ئاساس سالدى.

     شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيان جەمئىي 153 خىل مەھسۇلاتنى بازارغا سېلىپ، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى چىڭ تۇتۇپ، خېرىدارلارنىڭ، خانىم – قىزلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە، قوللاپ – قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى.

     شىركەت تەرەققىي قىلىپ پۇل تاپقاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ئېغىر كىشىلەرنى يۆلەشكە، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، شىنجاڭ خەلقىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. بۇ شىركەت ئۇدا ئۈچ يىل شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن بىرلىشىپ، يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، كىشىلەرگە سەنئەت ئارقىلىق ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.