مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    پويىز ساقچىلىرى ئوغرىلىق دېلوسىنى يېرىم سائەتتىلا پاش قىلدى

    مەۋلۇدە2017-03-01 12:25:26شىنجاڭ گېزىتى

     ــ سىلەرگە كۆپ رەھمەت، بىردەمدىلا تېلېفونىمنى تېپىپ بەردىڭلار، ــ دېدى سەمەت بوۋاي ساقچىلارنىڭ قولىدىن يان تېلېفونىنى ئالغاچ.

     بۇ يىل 2 – ئاينىڭ 2 – كۈنى قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىدا سەمەت، گۈزەلنۇر، دىلارە قاتارلىق بەشەيلەننىڭ تېلېفونى يوقاپ كەتكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈر يول ج خ ئىدارىسى كورلا جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى(پويىز ساقچىسى تارماق ئەترىتى)دىكى ساقچىلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، دېلونى تېز سۈرئەتتە پاش قىلغان.

     پويىز ساقچىلىرى شۇ كۈنى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن گۇمانلىق كىشىلەرنى بىر – بىرلەپ تەكشۈرۈپ، جاڭ يۇڭنىڭ ئاقسۇدىن كۇچاغا بارىدىغان بېلەت ئالغان بولسىمۇ، كۇچادا چۈشۈپ قالمىغانلىقىنى، يېنىدا نومۇرىنىمۇ بىلمەيدىغان يان تېلېفوننىڭ بارلىقىنى بايقىغان. سوراق ئارقىلىق جاڭ يۇڭ ئۆزىنىڭ ئوغرىلىق جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان.

     جاڭ يۇڭ ئەسلىدە كۇچادا پويىزدىن چۈشۈشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئۇ چاغدا ئۇخلىغان يولۇچىلار ئاز بولغاچقا قول سالالمىغان، پويىز كۇچادىن ئۆتكەندىن كېيىن، يولۇچىلار ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۈچ سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا 10 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى بەش دانە يان تېلېفوننى ئوغرىلىغان.

     دېلونى مەلۇم قىلغاندىن تارتىپ پاش قىلغۇچە پەقەت يېرىم سائەت كەتكەن. ئىككى يولۇچى يان تېلېفونىنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى مەلۇم قىلغان، قالغان ئۈچ يان تېلېفوننىڭ ئىگىسىنى ساقچىلار ۋاگونمۇۋاگون ئىزدەپ تاپقان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.