مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئاكتىپ كۈچ تارقاتقان شىنجاڭلىق ياش

    پەرغانە غوپۇر2017-02-28 15:40:24شىنجاڭ گېزىتى

    گۈلمىرە مۇھەممەد

     2–ئاينىڭ 8 – كۈنى ئۈندىدارنىڭ دوستلارچەمبىرىكىدىن ‹‹خەيكۇ شەھىرىدە دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ياشنى قۇتقۇزۇۋالغان شىنجاڭلىق ئۇيغۇر يىگىتكە بارىكاللا!›› دېگەن تېمىدىكى ئۇچۇر توختىماي تارقىلىشقا باشلىدى. بۇ يىگىتنىڭ ئىش ئىزلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاپىرىن ئوقۇشىغا ئېرىشىپ، ئېجىل – ئىناق ئۆتۈۋاتقان شىنجاڭ خەلقىنى ئېلىمىز ئىچى – سىرتىغا يەنە بىر قېتىم تونۇتتى. بۇ ھەقتە ئوقۇرمەنلەرنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە، بۇ يىگىتنى 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئابدۇجېلىل ئەبەينى تېلېفوندا زىيارەت قىلدىم.

     خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئىسلام ئاۋات يېزىسى ئىسلام ئاۋات كەنتىدىكى ئابدۇجېلىل ئەبەي ئۆيىدىكى بەش بالىنىڭ ئىككىنچىسى ئىدى. ئابدۇجېلىلنىڭ ئوقۇشى كىچىكىدىنلا ياخشى بولۇپ، 2005 – يىلى ئۇ شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى. ئەمما شۇ مەزگىلدە ئابدۇجېلىلنىڭ باشقا قېرىنداشلىرىمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيتتى. دادىسىنىڭ پېنسىيە مائاشى، ئاپىسىنىڭ گىلەمچىلىك ھۈنىرى بىلەن تاپقان ئازغىنە كىرىمى بىلەن بەش بالىنى ئوقۇتۇۋاتقان بۇ ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. ئابدۇجېلىل 2008 – يىلى ئاتا – ئانىسىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يەڭگىللىتىش مەقسىتىدە، ئوقۇشتىن چېكىندى. ئابدۇجېلىل قېرىنداشلىرىنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 2009 – يىلى 500 يۈەن پۇل بىلەن دەسلەپ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فوشەن شەھىرىگە باردى. ئۇ بۇ شەھەرگە كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە ئىشنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ بىر ئائىلە جاھازىلىرىنى ياساش زاۋۇتىغا ئىشچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى كۆرۈپ، بۇ زاۋۇتنىڭ خوجايىنى بىلەن ئالاقىلەشتى. زاۋۇت خوجايىنى ئابدۇجېلىلنى ئۆي جاھازىلىرىنى توشۇش خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇردى. ئابدۇجېلىل بۇ جەرياندا نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەت تارتتى، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى، سەمىمىيلىكىنى كۆرگەن زاۋۇت خوجايىنى ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇندى.

     چىقىشقاق، ئاق كۆڭۈل ئابدۇجېلىل قەيەرگە بارسا شۇ يەردىكىلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ نۇرغۇن دوست تۇتتى، خەنزۇ تىلىنىمۇ پۇختا ئۆگىنىپ تىل جەھەتتىكى قىيىنچىلىقنى يەڭدى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى، 2012 – يىلىدىن باشلاپ گۇاڭجۇ شەھىرىدە قاشتېشى سودىسى قىلىشقا كىرىشتى.

     بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئابدۇجېلىل تىجارەت ئىشى بىلەن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەيكۇ شەھىرىگە بارغانىدى. 2 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 30: 1 لار ئەتراپىدا خەيكۇ شەھىرىنىڭ ‹‹بەيشامېن›› باغچىسىدا ئارام ئېلىۋاتقان ئابدۇجېلىلنىڭ يېنىغا بىرەيلەن يۈگۈرۈپ كېلىپ جىددىيلەشكەن ھالدا: ئىنىم سۇغا چۈشۈپ كەتتى، قۇتقۇزۇۋالغان بولسىڭىز، دېدى. ئابدۇجېلىل ئۆزىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە بىرەيلەننىڭ سۇدا بىر چۆكۈپ، بىر لەيلەۋاتقانلىقىنى كۆردى دە، يۈگۈرۈپ بېرىپ، ھېچ ئىككىلەنمەيلا ئۆزىنى سۇغا ئاتتى.

     ــ ئۇ شامال كۈچلۈك چىقىۋاتقان، دېڭىز سۈيى پەسىيىۋاتقان چاغ ئىدى، ــ دېدى ئابدۇجېلىل تېلېفون زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ، ــ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن يىگىت قىرغاقتىن 70 – 80 مېتىر يىراقلىققا كېتىپ قالغانىدى. مىڭ تەستە ئۇنىڭ يېنىغا ئۈزۈپ بېرىپ، ئۇنىڭ بېلىدىن تۇتۇۋېلىپ قىرغاققا قاراپ ئۈزدۈم. ئۇ ھوشىدىن كەتكەن بولۇپ، ناھايىتى ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. شۇ چاغدا كاللامدا قەتئىي بەل قويۇۋەتمەسلىك، ئۇنى چوقۇم قۇتقۇزۇپ چىقىشتىن باشقا خىيال يوق ئىدى. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى بىلمەيمەن، ئاخىرى ئۇنى قىرغاققا ئېلىپ چىقتىم. شۇ چاغدا قىرغاقتا ئادەملەر توپلىشىپ كەتكەنىدى، ھەممەيلەن بەس – بەستە ئۇ يىگىتنى سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈپ قۇتقۇزۇشقا باشلىدى. ھېرىپ ھېچ ھالىم قالمىغانىدى. كىشىلەر ‹‹بۇ يىگىت قالتىسكەن›› دەپ قېشىمغا كېلىپ ‹‹ئىسمىڭىز نېمە؟››، ‹‹سىز قەيەرلىك؟›› دېگەندەك سوئاللارنى سوراشتى.

     ئابدۇجېلىل كىشىلەرنىڭ بەس – بەستە سورىغان سوئاللىرىغا: ‹‹مەن شىنجاڭلىق، بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم›› دېگەن جاۋابنىلا بېرەلىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرى، ئۈندىدار نومۇرىنى كىرگۈزۈۋېلىپ، ئۇنى سۈرەتكە تارتىپ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە تارقاتتى. ئابدۇجېلىل دېڭىز سۈيىنى كۆپ ئىچىۋالغان بولغاچقا، ياتاققا قايتىپ كېلىپ ئۈچ كۈنگىچە قىزىپ، يۆتىلىپ يۈردى، دوختۇرلار ئۇنىڭغا دېڭىز سۈيىنى كۆپ ئىچىۋالغانلىقتىن بولغان سۈمۈرۈش خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى، دەپ دىياگنوز قويۇپ دوختۇرخانىغا ئالدى.

     ئابدۇجېلىل قۇتقۇزۇۋالغان ياش بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن خې شىيۈ ئىسىملىك يىگىت بولۇپ، ئۇ نەۋرە ئاكىسى بىلەن دېڭىز بويىغا ئوينىغىلى بېرىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن.

     خې شىيۈنىڭ نەۋرە ئاكىسى لى جياۋۇ تېلېفون زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئابدۇجېلىل بولمىغان بولسا نەۋرە ئىنىمدىن ئايرىلىپ قالاتتىم. ئۇ ئۆز ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، ئىنىمنى قۇتقۇزۇۋالدى. ئۇنىڭ بۇ ئىش سەۋەبلىك دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى يوقلاپ بېرىپ، داۋالىنىش پۇلىنى تۆلەپ بېرىشىمىزنى ئېيتقىنىمىزدا ئۇ قەتئىي ئۇنۇماي تۇرىۋالدى. ھازىر ئىنىم خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ بولدى. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئابدۇجېلىلنىڭ قىلغان بۇ ياخشىلىقىنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇمايمىز.

     ئابدۇجېلىلنىڭ دادىسى ئەبەي ئابدۇللانى تېلېفوندا زىيارەت قىلغىنىمدا ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئوغلۇم ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر – بىرى بىلەن ئېجىل – ئىناق ئۆتىدىغان، بىر – بىرىدىن ياردىمىنى ئايىمايدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى، ئوغلۇمدىن پەخىرلىنىمەن. ئىشىنىمەنكى، ئابدۇجېلىلغا ئوخشاش ئاكتىپ كۈچ تارقىتىدىغان ياشلار تېخىمۇ كۆپ مەيدانغا كېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مارشىنى داۋاملىق ياڭرىتىدۇ.

     مېنىڭ خەنزۇ قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەردىن بولغان دوستلىرىم ناھايىتى كۆپ، مەن ئېغىر كۈنلەرگە قالغاندا ئۇلار ماڭا ياردەم قولىنى سۇنغان، دېدى ئابدۇجېلىل، ئۇلار مەندىن شىنجاڭ توغرىسىدا سورىغىنىدا، ئۇلارغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېجىل – ئىناق ئۆتىدىغانلىقىنى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا قەست قىلىدىغان ئاز ساندىكى زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ئىناقلىقىمىزغا قىلچە تەسىر يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئەستايىدىل چۈشەندۈرەتتىم. بۇ قېتىم مەن پەقەت باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغان، دوستلۇقنى ئەۋزەل بىلىدىغان شىنجاڭلىقلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى قىلدىم. مەيلى قايسى مىللەتتىن بولايلى بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئىناقلىقىمىزغا ھەرقانداق كۈچ توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.