مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    ئۈندىدار ئىشلىتىشتە سەگەك بولۇڭ

    ئامانگۈل2017-02-24 19:37:43شىنجاڭ گېزىتى

    مۇبارەك ئىسمائىل

    نۆۋەتتە ئۈندىدار ئىشلىتىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. بىر قىسىم كىشىلەر ئۈندىدارنى ئىجتىمائىي ئالاقە قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىشتىن سىرت، ئۈندىداردا سودا قىلىپ، ئۆزىنىمۇ ھەم خېرىدارلارنىمۇ رازى قىلىپ، ھەر ئىككى تەرەپكە قولايلىق يارىتىدىغان پايدىلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. ئەمما، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ياخشى ئىشنىڭ يامان تەرىپىمۇ بايقىلىشقا باشلىدى. بىر قىسىم يامان نىيەتلىك كىشىلەر بۇ خىل ئىجتىمائىي ئالاقە قورالىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىشنى پىلانلايدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مەسىلەن، دوستلار چەمبىرىكىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تونۇشلار، بىر قەدەر ئىشەنچلىك كىشىلەر بولغاچقا، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار دوستلار چەمبىرىكىدىكىلەرنى مەزمۇنى تېتىقسىز، ‹‹ئۈچسىز مەھسۇلات››ئېلانى بىلەن تولغان ‹‹روھىي ئوزۇق››لارنى تارقىتىشقا قۇترىتىپ، ئارىدىن جازانىخورلۇق بىلەن زىيادە پايدا ئالىدىغان، بەزى 3 – تەرەپ ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى ئابونچىلىرىغا ئېلان تارقىتىپ، ‹‹ھەقسىز تاۋار سوۋغا قىلىش››نى ۋەدە قىلىپ، ئادەتتىكى بازار باھاسىدىن خېلىلا يۇقىرى ‹‹پوچتا ھەققى›› ئالغاندىن كېيىن، خېرىدارلارغا تەننەرخى ئەرزان، سۈپىتى ناچار تاۋارلارنى ئەۋەتىپ بېرىدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىپ قالدى.

    ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر خانىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇ باشقىلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بىر ئۈندىدار سودا توپىنى قوشۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن بىر كۆڭلەك سېتىۋالغان ھەم كۆڭلەكنىڭ پۇلىنى ئۈندىدار ئارقىلىق يوللاپ بەرگەن. مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، مالنىڭ سۈرەتتىكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنى قايتۇرۇۋەتمەكچى بولغىنىدا، ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان ئۇ سودا توپىدىن چېكىندۈرۈلگەنلىكى، قايتا قوشۇلالمايدىغانلىقىنى بىلگەن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى›› 2014 – يىل 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلدى. ئىستېمال ساھەسىدىكى يېڭى ئەھۋال ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››دا، ئادەمنى ئاساس قىلىپ قانۇن چىقىرىش ئىدىيەسى بويىچە، ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش توغرىسىدىكى قانۇن – تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ئەمما، بۇنىڭدا ئۈندىدار سودىسى توغرۇلۇق ئېنىق بەلگىلىمە بولمىغاچقا، بىر قىسىم كىشىلەر يەنىلا يوچۇقتىن پايدىلىنىۋاتىدۇ.

    دوستلار چەمبىرىكىدىكى كىچىك ئويۇن سىنىقى، ‹‹يۈرەك›› ئەۋەتىپ سوۋغاتقا ئېرىشىش، ياخشىلىق قىلىپ تۇغقان ئىزدەش، ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ سۆزلىشىش ھەققىگە ئېرىشىش، جاۋاب قايتۇرۇپ سوۋغاتقا ئېرىشىش قاتارلىق ھەرخىل، ھەر ياڭزا ئېلانلار شەخسلەر ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىۋېتىپ، شەخسلەرنىڭ مەخپىيەتلىكى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزسە، دوستلار چەمبىرىكىدە كۆپ ئۇچرايدىغان ساختا تەشۋىقات، ئالدامچىلىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى ئېلان، 3 – تەرەپ سۇپىسى ۋە سىرتقى ئۇلىنىشلار ‹‹دوستلار چەمبىرىكى››نىڭ ساپلىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ.

    ئۇقۇشىمچە، بۇلتۇر 4 – ئايدا ‹‹ئۈندىدار سىرتقى ئۇلىنىش مەزمۇنىنى باشقۇرۇش قائىدىسى›› ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بۇنىڭدا سىرتقى ئۇلىنىشنى باشقۇرۇش يەنىلا ئابونچىلارنىڭ پاش قىلىش مەلۇماتىغا تايىنىدىغان بولغاچقا، بۇنىڭ كۈچى تېخى يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. كۆچمە ئالاقە تورى دەۋرى يۇقىرى پەن – تېخنىكىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاسىتىسى ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ، ئۆزىدىكى مەسىلىنى تۈزىتىش ئىقتىدارىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. شۇڭا، ئالاقىدار فونكسىيەلىك تارماقلار نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يوچۇق قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ساختا، ئالدامچىلىق تۈسى بار مەزمۇندىن بىرى بايقالسا بىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پاكىز ‹‹دوستلار چەمبىرىكى›› مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.