مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ قاتناش ساقچى تارماقلىرى ئۈچ تۈرلۈك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈردى

    ئامانگۈل2017-02-24 19:37:42شىنجاڭ گېزىتى

     سۈي يۈەنيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ج خ قاتناش ساقچى باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قاتناش ساقچى تارماقلىرى ئىسلاھاتقا دائىر ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ تۈرلۈك ئىسلاھات››نى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتوموبىل ۋە شوپۇرلارنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدە ئاممىغا تېخىمۇ قولايلىق ياراتقان.

     قاتناش ساقچى تارماقلىرى ئالاقە تورى قاتناش بىخەتەرلىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى ۋە يان تېلېفون APPدىن پايدىلىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، 23 تۈرلۈك كەسىپنى توردا بېجىرىش ۋە ئون نەچچە تۈرلۈك قاتناش باشقۇرۇش ئۇچۇرىنى توردا سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. ئاپتوموبىل باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، توردا ئۇيغۇرچە كەسىپ مەشغۇلات مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان. ھازىرغا قەدەر، تور سۇپىسىدا تىزىمغا ئالدۇرغانلار 1 مىليون 240 مىڭغا، يۈز تۇرانە تىزىملاتقانلار 1 مىليون 512 مىڭغا يەتكەن. قاتناش ساقچى كەسپىگە دائىر ھەر خىل رەسمىيەتتىن 3 مىليون 362 مىڭ 800ى بېجىرىلىپ، كەسىپ بېجىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

     شوپۇرلۇق ئىمتىھانى ئىسلاھاتى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلدى. قاتناش ساقچى تارماقلىرى تەربىيەلەش ئورۇنلىرىنىڭ رەت تەرتىپىنى ئاشكارىلاش، پىراۋا ئالغۇچىلارنى سائەت بويىچە تەربىيەلەش، ئاۋۋال تەربىيەلىنىپ كېيىن ھەق تۆلەش قاتارلىق ئاممىغا قۇلايلىق ئون تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرىنى يولغا قويغان؛ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل تىل – يېزىقىدىكى ئىمتىھان سوئالى ئامبىرىنى كۆپەيتىكەن. قاتناش باشقۇرۇش تور مۇلازىمەت سۇپىسىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىش بېجىرىش كۆرسەتمىسى ۋە ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل تىل – يېزىقىدىكى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن؛ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ ئىسىم – فامىلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چېكىتنىڭ ئۆلچەملىك بولماسلىق مەسىلىسىنى 951 مىڭ (قېتىم) تۈزەتكەن؛ ئالاھىدە توپتىكىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى، قاتناش نازارىتى قاتارلىق يەتتە تارماقنى ماسلاشتۇرۇپ، بىر كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلار ۋە قولى مېيىپلەرنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشىگە دائىر خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

     ئاپتونوم رايون بويىچە بۇلتۇر 38 مىڭدىن كۆپرەك كىشى تۇرۇشلۇق جايدىن باشقا جايدا شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى تەكشۈرتكەن، تولۇقلىغان ۋە ئالماشتۇرغان. ناھىيە دەرىجىلىك ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بېجىرگەن ئاپتوموبىل ۋە شوپۇرلارنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار كەسىپ بارلىق كەسىپ تۈرىنىڭ %39.92ىنى ئىگىلىگەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.