مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ‹‹ئائىلە ئىشلىرى سوتى››نى نىكاھ تىزىملاش ئورنىغا كۆچۈردى

    ئامانگۈل2017-02-24 19:37:41شىنجاڭ گېزىتى

      ياڭ شۇخەننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ سوت مەھكىمىسى نىكاھ، ئائىلە ماجىراسىغا دائىر دېلولارنى تېخىمۇ ياخشى بېجىرىش ئۈچۈن ‹‹ئائىلە ئىشلىرى سوتى››نى مەزكۇر رايونغا قاراشلىق نىكاھ تىزىملاش، توي خېتى بېرىش ئورنىغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلغان. 2016 – يىلى 8 – ئايدىن بۇيان 660 ئادەم(قېتىم)نى كۈتۈۋېلىپ، 260تىن ئارتۇق دېلونى ئاخىرلاشتۇرغان.

     تونۇشتۇرۇلۇشىچە، سودىيەلەر دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئالاقىدالار ۋە توي خېتى ئالغۇچىلارغا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارنى، بولۇپمۇ يېڭىدىن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان نىكاھ، ئائىلە ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزام ۋە ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلارنى چۈشەندۈرگەن. جەمئىيەتتىكىلەر ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نىكاھ، ئائىلە ئىشلىرىغا دائىر قىزىق نۇقتا ۋە زىددىيەت – ماجىراغا ئاسان سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ، ماجىرادىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتىپ، كۆپچىلىكنىڭ قانۇندىن خەۋەردار بولۇش، قانۇننى بىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتكەن.

     مەزكۇر سەييارە سوت مۇرەسسەنى ئاساس قىلىپ، مۇرەسسە ئارقىلىق ھەل بولمىغان ۋە دېلو تۇرغۇزۇش شەرتىگە توشىدىغان دېلولار ئۈستىدە نەق مەيداندا دېلو تۇرغۇزغان ھەم نەق مەيداندىلا ماجىرانى پەسەيتىش خىزمىتىنى ئىشلىگەن. سودىيەلەر دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن جانلىق بىر تەرەپ قىلىپ، دېلو بېجىرىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، ئالاقىدارلارغا قولايلىق ياراتقان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.