مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    بورتالا شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى ساختا ئەرز قىلىش دېلوسىنى نازارەت قىلىپ بىر تەرەپ قىلدى

    ئامانگۈل2017-02-03 15:42:10شىنجاڭ گېزىتى

     بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ ۋە مەمۇرىي ئىشلار تەپتىشى لى لىڭخۇي بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەجلىسخانىسىدا يالغان ئەرز قىلىش دېلوسىنى پەرق ئېتىش جەريانىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بۇ دېلودا نۇرغۇن گۇمانلىق نۇقتىلار بولۇپ، بۇ دېلونىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكى كىشىنى گۇمانلاندۇرىدۇ.

     بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە تۇرۇشلۇق تەپتىشى لى لىڭخۇي سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلولارنى نازارەت قىلىش تەرتىپىنى نازارەت قىلىش جەريانىدا 4 مىليون 500 مىڭ يۈەنلىك دېلودا ساختىلىق بارلىقىنى بايقىغان. دېلونىڭ كېلىشىش كېلىشىمىدە ‹‹بورتالادىكى مەلۇم چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى لياڭ جەندىن 10 مىليون يۈەن قەرز ئالغان بولۇپ، 5 مىليون 500 مىڭ يۈەننى قايتۇرغان، قالغان 4مىليون 500 مىڭ يۈەننى تېخى قايتۇرمىغان›› دېگەن مەزمۇنلار يېزىلغان ھەم سوت مەھكىمىسىگە كېلىشىمنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان. لېكىن كېيىنكى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، لى جىڭ 2013 – يىل 8 – ئاينىڭ 5 – كۈنى بورتالادىكى مەلۇم چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايچىكى سالاھىيىتى بىلەن لياڭ جەندىن 10 مىليون يۈەن قەرز ئالغان ھەم قەرز ھۆججىتى يېزىپ بەرگەن. شۇ يىلى 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى لى جىڭ يەنە شىنجاڭ مەلۇم يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نامىدا 10 مىليون يۈەننى بورتالادىكى مەلۇم چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئالغان قەرزنى تۆلەپ بولغان.

     لى لىڭخۇي مۇنداق دېدى ‹‹ئالاقىدار ئىككى تەرەپ نەق مەيدانغا كەلمەپتۇ، ۋاكالەتچىلىرىلا قاتنىشىپتۇ. ئىككى تەرەپ بىر – بىرىگە قارشى پىكىر قىلمايلا ھەش – پەش دېگۈچە نەچچە مىليون يۈەنلىك قەرز قايتۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالاپتۇ››. مانا بۇ نورمال بولمىغان ئىش – ھەرىكەتلەر دېلونىڭ سىرىنى ئاشكارىلاپ قويدى.

     ئەسلىدە بورتالادىكى مەلۇم مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتمۇقات قەرزگە بوغۇلغان كارخانا بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ نامىدا بىر پارچە يەر ۋە بىر مۇنچە ئۆي بار ئىكەن. لى جىڭ بۇ شىركەتنىڭ پايچىسى بولغاچقا، بىر قىسىم يېرىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ئۇنىڭغا تەۋە ئىكەن. ئۇ مۇشۇ ‹‹خۇسۇسىي مۈلكى››نى قەرز ئىگىلىرىنىڭ قەرزگە ھېسابلاپ ئېلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. شۇڭا ئۇ لياڭ جەن بىلەن يالغان ھەقدارلىق – قەرزدارلىق مۇناسىۋىتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئەرز قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يەر – مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ئۆي – مۈلۈك ھوقۇقىنى ‹‹قانۇنلۇق ئىگىلىۋېلىش››قا ئۇرۇنغان.

     سوت مەھكىمىسى ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمىگەن ئەھۋالدا، ھەق تەلەپ كېسىمنامىسى چىقىرىپ، بۇ كېلىشىش كېلىشىمىنى كۈچكە ئىگە دەپ ئېتىراپ قىلغان. ھازىر بۇ مەھكىمە بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق بۇ دېلونى قايتا قاراپ چىقماقچى. (كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

    ئۆز خەۋىرىمىز

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.