مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھىت

    ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپى بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتى

    ئايگۈل ئابدۇللا2016-12-12 12:46:20شىنجاڭ گېزىتى

    ئابدۇكېرىم ھەسەن

     ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان ئىقتىسادنىڭ تېز يۈكسىلىشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپى ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك بىلەن ساياھەت كەسپىنىڭ ئۆزئارا بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان يېڭى كەسىپ تۈرى بولۇپ، ‹‹ئېكولوگىيەلىك مۇھىت››، ‹‹ئورگانىك يېمەكلىك›› ئۇقۇمى كۈنسېرى ئومۇملىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىكى تەبئىي تاللاش بولۇپ قالدى. ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا يېزا تۇرمۇشىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرغىلى، شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى ، يېزا كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ، دېھقانلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەرلەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

     ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قىسمەن رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە ياخشىلاش، يېزا ئومۇمىي قىياپىتىنى ئىسلاھ قىلىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ۋە مۇھىت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ياخشى يېزا قىياپىتى بەرپا قىلىشتا زور رول ئوينايدۇ. بىراق ئىسىتراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپىنى شىددەت بىلەن كېڭەيتىش بەزى پاسسىپ تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

     1. قارىغۇلارچە ئېچىش تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك بايلىقنىڭ ئىسراپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ماس كەلگەن رايونلاردا ئەتراپلىق پىلان ۋە يېتەكلەش كەمچىل بولۇش، ناتوغرا ئېچىش سەۋەبىدىن بايلىق ئىسراپ بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭسىزلىق كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. بەزى رايونلار ئىستراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئەۋزەللىكى ۋە بازار ئەۋزەللىكى شارائىتىنى ھازىرلىمىغان بولسىمۇ، ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن ھېسابلاشماستىن قارىغۇلارچە ئېچىپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك بايلىقنى ئىسراپ قىلىپ، ئادەم كۈچى، بايلىق ۋە ماددىي كۈچ ئىسراپچىلىقىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىۋاتىدۇ.

     2. بەزى ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپى تەرەققىيات رايونلىرىدا ئولتۇراق ئۆي، ئارامگاھ، ئەسلىھە قاتارلىق قاتتىق دېتاللارنى زىيادە شەھەرلەشتۈرۈپ زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئاپتوماتلاشتۇرۇش خاھىشى ئېغىر بولۇپ، يېزىنىڭ ئەسلىي بار بولغان تەبىئىي ھالىتى ئۆزگىرىپ، يېزىنىڭ خاسلىقىنى يوقىتىپ قويماقتا.

     3. يېزا تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ غەيرىي پايدىلىنىش نىسبىتى كۈنسېرى ئاشماقتا. ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپى تۈر قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدىغان يەرلەرنىڭ كۆپنچىسى تېرىلغۇغا ماس كېلىدىغان مۇنبەت يەرلەر. گەرچە يەنىلا يېزا ئىگىلىكىگە ئائىت كەسىپلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق كۆپىنچە يەرلەر ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي، ماشىنا توختىتىش مەيدانى، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى، يول قۇرۇلۇشى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىپ، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى تۆۋەنلەپ، كۆلىمى كىچىكلەپ كېتىۋاتماقتا.

     4. ساياھەتچىلىكتىن كېلىپ چىققان مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىر. ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى رايونلىرى كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپلا قالماستىن يەنە ساياھەتچىلەر بىلەن بىرگە كۆپلىگەن مۇھىت بۇلغايدىغان ئەخلەتلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە. يەنى ئاپتوموبىللارنىڭ ئىسلىرى، يېمەك – ئىچمەكتىن كېلىپ چىققان ئەخلەتلەر، ساياھەت رايونلىرىنىڭ تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەسلىكى، ساياھەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى خالىغانچە تاشلىشى ساياھەت رايونلىرىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى.

     5. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىر. دېھقانلار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى جەريانىدا خىمىيەلىك ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى كۆپ ئىشلىتىپ، ئۇزاق مۇددەت نامۇۋاپىق تېرىلغۇ مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللانغاچقا، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۈچى خوراپ، مەھسۇلات ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ. ساياھەتچىلەرنىڭ گۈل – گىياھ، مېۋە – چىۋە، كۆكتاتلارنى قالايمىقان ئۈزۈشى، ئۈسۈملۈكلەرنى دەسسسەپ نابۇت قىلىشى ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

     ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسى ۋە نېگىزلىك شەرتى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتى نىسبەتەن ئاستا بولغاچقا، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا دۇچ كەلگەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنى دۆلىتىمىز ئىچى – سىرتىدىكى ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تەجرىبە – ساۋاقلىرىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

     1. ھۆكۈمەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشىشىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنىڭ باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش لازىم . ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا دېھقان، يەر، مەبلەغ سالغۇچى، ھۆكۈمەت ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ كەسىپنىڭ مۇھىم ئىشتىراكچىلىرى ھېسابلىنىدۇ.

     2. دۆلىتىمىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا ئائىت قانۇن – تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن سىستېمىسى يىللاردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ كەلمەكتە. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە ‹‹مۇھىت قانۇنى››، ‹‹سۇ قانۇنى››، ‹‹يەر قانۇنى››، ‹‹سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى››قاتارلىق قانۇن – تۈزۈملەر تۈزۈپ چىقىلغان بولسىمۇ، ئەمما دېگەندەك تولۇق، مۇكەممەل ئەمەس.

     3. ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپىي رايونلىرىنى ئېچىشتىن بۇرۇن جايلار پىلانلىق خىزمەت قىلىش پىرىنسىپى بويىچە ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپىنىڭ تۈر تەرەققىيات پىلانىنى ئەتراپلىق، ياخشى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. جايلار ئۆز جايىنىڭ قاتناش ئەۋزەللىكى، بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن تۈر تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، قارىغۇلارچە ئېچىشتىن ساقلىنىپ، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپى بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تەڭ قەدەمدە سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

     4. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا ئائىت تەشۋىقات – تەربىيەنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇش كېرەك. جايلار ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى رايونلىرىدا تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق مۇھىتنى قوغداش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جەمئىيەتتە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، تەبئىي بايلىقنى ئورتاق قوغداشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي كەيپىياتنى بەرپا قىلىش كېرەك.

     5. ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنىڭ بىردەكلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا جايلار ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆلچەم قىلىپ، پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قايتا پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى بولغان، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا پايدىلىق تۈرلەرنى كۆپلەپ يولغا قويۇش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىنى يۈكسەلدۈرگىلى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداپ قالغىلى شۇنداقلا جەمئىيەت ئىقتىسادىنىمۇ سىلجىتقىلى بولدۇ.

     يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دېھقانلارنى قوش كىرىمگە ئىگە قىلىپلا قالماستىن، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولدۇ. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپىدىكى ئىلغار تەجرىبىلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتكە قايتىش تەلپۈنۈشىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپىگە بولغان تونۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئېڭى داۋاملىق ئېشىپ بارىدۇ، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپىي رايونلىرىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەسلىدىكى جەلپكار، گۈزەل ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ شۇنداقلا ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىك كەسپىمۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىلەن تەڭ گۈللىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويالايدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.