مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھىت

    چاقىلىق ناھىيەسى توغراقنى قوغداشنى كۈچەيتتى

    مەۋلۇدە2016-11-10 15:47:33شىنجاڭ گېزىتى

       ئايگۈل مەمتىمىن خەۋەر قىلىدۇ: چاقىلىق ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك پاراۋانلىق توغراق ئورمانلىرىنى قوغداش، باشقۇرۇش، ئاسراش پونكىتى بۇ يىل نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان 1 مىليون 852 مىڭ 300 مو دائىرىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك پاراۋانلىق توغراق ئورمانلىرى ۋە 2 مىليون 389 مىڭ 116 مو كېلىدىغان يەرلىك پاراۋانلىق ئورمىنىنى قوغداش، باشقۇرۇشنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

        بۇ پونكىت بۇ يىل تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى، چاقىلىق، ۋاششەرى ۋە مىرەن تەۋەسىدىكى قوغداش نۇقتىلىرىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ۋاششەرى، قوغان، ئارغان، يېڭىسۇ قاتارلىق جايلاردىكى قوغداش نۇقتىلىرىغا 158 خادىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورمان مۇھاپىزەت خادىمىنى تولۇقلىدى ھەمدە ئۇلارغا توغراق ئورمانلىقىنى دائىرە بويىچە ھۆددە بېرىپ، ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈش توختامى ئىمزالىدى. 158 خادىمنى ئىككى باسقۇچ بويىچە ئورمان بايلىقىنى قوغداش، ئورمان قانۇنى، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش، ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈش بىلىملىرى بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.