مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھىت

    ئېكولوگىيەلىك ئۈستۈنلۈكنى ئاساس قىلغان ھالدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› مېلودىيەسىنى ياڭرىتايلى

    ئايگۈل ئابدۇللا2016-11-07 15:21:34شىنجاڭ گېزىتى

    مەي زى

     ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش نىشانىمىز. ھەقىقىي گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشىغا ئېكولوگىيە جەھەتتە تۆھپە قوشۇش ۋەزىپىمىز يەنىلا ناھايىتى ئېغىر ھەم مۈشكۈل.

     مۇزلۇق، ئوت يۇرتى، قۇملۇق، بوستانلىق، مېۋە – چىۋە ۋە ناخشا – ئۇسسۇل ... بۇ يىل كۈزدىكى شىنجاڭ ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى بىلەن ساياھەتچىلەرگە خۇددى جەننەتتەك تۇيۇلدى. قۇربان ھېيت ۋە تاۋۇز چاغىنىلىق دەم ئېلىشتا ئالتاي، قۇمۇل ۋە ئىلى قاتارلىق جايلار ساياھەتچىلەر بىلەن تولدى. قاناس مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن مەلۇم بولۇشىچە، 9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى بىر كۈندە قاناس مەنزىرە رايونىدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 48 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %.6 178 ئېشىپ، بۇ يىل قاناس مەنزىرە رايونىدا بىر كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانىدا رېكورت يارىتىلغان.

     ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلى 5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتى. بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە چاغانتوقاي تاغ گۈلى بايرىمى، يارغولدا كۈز ۋە تەكلىماكان N39 قۇملۇق ساياھىتى قاتارلىق تۈرلەر سودىگەرلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

     ئەمەلىيەتتە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نىڭ قۇرۇلۇش جەريانىمۇ يېشىللىق بىلەن بىرىكىش، يېشىللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە يېشىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانى بولۇپ، بۇ جەريانغا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش ۋە يېشىل تەرەققىي قىلىشتەك مۇھىم ئىدىيە مۇجەسسەملەنگەن. 2015 – يىلى 3 – ئايدا ئېلان قىلىنغان ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 – ئەسىردىكى دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئارزۇسىغا يېتىش ۋە ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش›› يىرىك پىلانىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەبلەغ سېلىش ۋە سودىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە يېشىل يىپەك يولى بەرپا قىلىش كېرەك. ھازىرغا قەدەر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە تۈرتكىسىدە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى دۆلەتلەر ئېكولوگىيە تەقدىرداشلىق ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلماقتا.

     ئاپتونوم رايونىمىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە يېشىل تەرەققىياتقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كىيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلدى ھەمدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئىككى قېتىم ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمىتىنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، بارلىق قۇرۇلۇشتا مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك رايون قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش›› قا ئەمەل قىلىشنى تەكىتلىدى.

     ئاپتونوم رايونىمىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قەدىرلەش بىلەن بىللە، يەنە ئۇنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈشى كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىش ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش نىشانىمىز. ھەقىقىي گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا ئېكولوگىيە جەھەتتە تۆھپە قوشۇش ۋەزىپىمىز يەنىلا ناھايىتى ئېغىر ھەم مۈشكۈل.

     ئېكولوگىيەلىك ئۈستۈنلۈكنى ئاساس قىلغان ھالدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› مېلودىيەسىنى ياڭرىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مۇھىت ئەۋزەللىكىنى ياخشى قوغداش كېرەك. شىنجاڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بىر قەدەر ياخشى ئاسرىغان رايون بولۇپ، تەبىئىي بايلىقلارنى تېخىمۇ قەدىرلىشىمىز كېرەك. بارلىق قۇرۇلۇشتا مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك رايون قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش››قا ئەمەل قىلىش كېرەك. ھەر مىللەت ئامما پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئورمانلىق، مۇزلۇق، دەريا – ئېقىن، كۆل، سۇلۇق يەر، يېپىنچا ئۆسۈملۈك، بوستانلىق ۋە ئوتلاقلارنى قەتئىي قوغداپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يېشىل سېپىل بەرپا قىلىش كېرەك.

     ئېكولوگىيەلىك ئۈستۈنلۈكنى ئاساس قىلغان ھالدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› مېلودىيەسىنى ياڭرىتىش ئۈچۈن، يېشىل كەسىپلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدا شۇ جاينىڭ شارائىتىغا ئاساسەن ئايلانما ئىقتىساد، ئېكولوگىيەلىك ساياھەت، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە باقمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېشىل ماركا ۋە ئوبرازنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئەللىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان توپلىغان تەجرىبىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېشىللىق بايلىق دېگەن قاراشتا، ئىقتىسادنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈشنى ئېكولوگىيەلىك ئىقتىساد بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.