مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    يېڭى ۋەزىيەتتە «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» تەلىپىگە تولۇق ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

    بۇئايشەم2016-02-02 12:58:31شىنجاڭ گېزىتى

        ئىمىن قارى قەيۇم

       ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 – ئومۇمىي يىغىنىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلانى تۈزۈلۈپ، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› تەلىپى بويىچە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە قائىدىسىدە قاتتىق بولۇش لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› تەلىپى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم تەدبىرى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. شۇڭا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، رەھبىرىي كادىرلار تونۇشتا، ئىدىيەدە ۋە ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەك بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

        1. ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش››نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتى

        جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سادىق ۋەكىلى. پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى تەربىيەلىنىشتە، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتە، ئىنتىزامدا تەلەپچان بولۇشقا، ئىش قىلىشتا، ئىگىلىك تىكلەشتە، ئادىمىيلىكتە راستچىل بولۇشقا ئۈندەيدۇ. ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› دېگەن سۆز ئىخچام ۋە مېغىزلىق، مەزمۇنى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇنىڭدا ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى بېيىتىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپى مۇھىم ئاساسقا ئىگە قىلىندى.

        بىرىنچى، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› پارتىيە ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك. ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش››نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىدا روشەن ياخشىلىنىش بولدى، لېكىن ‹‹تۆت ناچار ئىستىل››نىڭ يىلتىزى تېخى تولۇق تۈگىتىلمىدى، قىسمەن پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنىدا ۋە پارتىيەلىك كادىرلاردا تەلەپچان، راستچىل بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت. ھازىر پارتىيەمىز يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيە تەدبىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا پارتىيەمىز ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۈچلۈك ‹‹ھەقىقەت كۈچى››گە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە كۈچلۈك ‹‹ئىنسانپەرۋەرلىك كۈچى››گە ئىگە بولۇشى، تەلەپچانلىق بىلەن پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشى، ھەممە ئىشتا راستچىل بولۇش ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› تەربىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشتا پارتىيەلىك كادىرلار يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرگە ئۇيغۇنلىشىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ يېڭى تەلىپى، يېڭى ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، ‹‹تۆت چوڭ خېيىم – خەتەر›› ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ‹‹تۆت خىل سىناق››قا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك.

        ئىككىنچى، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش››نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەنىۋى تۈۋرۈك، قىممەت قارىشى، ھەرىكەت ئۆلچىمى قاتارلىق جەھەتلەردىن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەلىك كادىرلاردا بولۇشقا تېگىشلىك مەنىۋى خاراكتېرنى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلىپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىلمىي يېتەكچى ئىدىيە بىلەن تەمىنلىدى. ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى. شۇڭا ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش››نى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ ئۆلچىمى قىلىش كېرەك.

        ئۈچىنچى، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى. ئامما جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ئاساسىي كۈچ. ئاممىۋى خىزمەت كىشىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى قوزغايدىغان، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىدىغان خىزمەت. شۇڭا رەھبىرىي كادىرلار ھەممە ئىشتا ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش››تا چىڭ تۇرسىلا، ئاممىنىڭ ئاكتىپچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يېتىلدۈرۈپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئىناقلىقىغا، ھاياتىي كۈچىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

        2. رەھبىرىي كادىرلار ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› تەلىپى بويىچە ئۆزىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

        بىرىنچى، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇپ، ئاممىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. چۈنكى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى پارتىيەنىڭ چوڭ – چوڭ سىياسەت – تەدبىرلىرىنىڭ ئىزچىل ئىجرا قىلىنىش – قىلىنماسلىقىغا، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭىلىق يارىتىش – يارىتالماسلىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› تەلىپىنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىدە كۆرسىتىشى لازىم. ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆز مەنپەئىتىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ئاممىنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

        ئىككىنچى، رەھبىرىي كادىرلار راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئېڭىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆستۈرۈشى لازىم. يېڭى تارىخىي ۋەزىيەتتە رەھبىرىي كادىرلار ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتىن ئىبارەت ئىلمىي ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك خىزمەت ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلمىي قانۇنىيەت ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئىلمىي قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، قانۇنىيەتنى تەتبىقلاش ئارقىلىق تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، تەرەققىياتنىڭ يىڭى ساھەلىرىگە يۈرۈش قىلىپ، يىڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ماھىر بولۇشى لازىم.

        ئۈچىنچى، رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي سەزگۈرلۈكنى كۈچەيتىشى لازىم. ھازىر ئاممىۋى خىزمەتنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ئىپادىلىنىش شەكىللىرى كۆپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى. ئەگەر مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەندە، كىچىك ئىشلاردىن چوڭ ۋەقەلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي سەزگۈرلۈكنى كۈچەيتىپ، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، ئاممىۋى خىزمەتنى، تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇش لازىم.

        تۆتىنچى، رەھبىرىي كادىرلار خىزمەتلەرنىڭ قاراتمىلىقلىقىنى كۈچەيتىشكە ماھىر بولۇش لازىم. ئاممىغا ئىشىنىپ، ھەممە ئىشتا ئاممىغا تايىنىپ، تۈرلۈك يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇسۇل، چارە – تەدبىرلەر ئۈستىدە دادىل ئىزدىنىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتنىڭ قاراتمىلىقلىقىنى كۈچەيتىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن رەھبىرىي كادىرلار ئاممىدىن تەلەپ قىلغاننى ئاۋۋال ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇپ قىلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىغا ئۈلگە بولۇشى ۋە تەسىر كۆرسىتىشى لازىم. بۇنىڭدىن سىرت، ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، زامانىۋى يۇقىرى تېخنىكا ۋاسىتىسى بىلەن باشقا ۋاسىتىلەرنى تەڭ قوللىنىپ، ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاممىۋى خىزمەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى لازىم.

        دېمەك، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يولغا قويغان پۈتۈن پارتىيەدە ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى چىڭىتىش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئىنتىزام قۇرۇلۇشى بولۇپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشتىكى ئەڭ مۇھىم تەدبىر. شۇنداقلا، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشتىكى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە.

        (ئاپتور: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىدىن)