مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مەقسىتى ۋە مەۋقەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك

    بۇئايشەم2016-02-02 12:58:33شىنجاڭ گېزىتى

     جەي يۈەنجىڭ

        ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 – ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن ئېچىلغان، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن، شۇنداقلا ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 – ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىدە كونكرېت ئەمەلىيلىشىشى ھېسابلىنىدۇ. يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكىلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى قوللاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ساقلاشتا چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇڭا، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېىتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت مەقسەت ۋە مەۋقەدە چىڭ تۇرۇشتا، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ قىيىن نۇقتىسى ۋە تۇتقىسىنى توغرا ئىگىلەش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

        1. مەقسەت ۋە مەۋقەدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك

        ئىدېئولوگىيە خىزمىتى پارتىيەنىڭ ئىنتايىن مۇھىم خىزمىتى، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش – ئىشلىيەلمەسلىك پارتىيەنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە ئىنتىلىشچانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭدىن ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئومۇمىيىتىگە بېرىپ تاقىلىدىغانلىقىنى، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىنىڭ مەقسىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك.

        جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدۇر، بولۇپمۇ ئەتراپتىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ سىياسىي مۇھىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ>>لەر ‹‹چېگرا سىرتىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلىپ، چېگرا ئىچىگە سىڭىپ كىرمەكتە>>. ئۇلارنىڭ مەقسىتى شىنجاڭنى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىن ئايرىپ چىقىش. ماركس بىلەن ئېنگلىس: ‹‹ئاڭ باشلىنىشىدىنلا جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم مەۋجۇتلا بولۇپ تۇرىدىكەن، ئۇ يەنىلا مۇشۇ جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ›› دېگەنىدى. زوراۋان – تېررورچىلار ئەسەبىيلىكتىن ئىبارەت بۇ ئىدېئولوگىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىغا يېتىشكە ئۇرۇنىدۇ.

        جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جىددىي ھەم مۇرەككەپ ۋەزىيىتىگە قارىتا، بىز ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە نەزەرىيەسى بىلەن كادىرلار ۋە ئاممىنى قوراللاندۇرۇپ، ئۇنى ئاممىنىڭ قولىدىكى ئۆتكۈر قورالغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. نەزەرىيە ئامما تەرىپىدىن ئىگىلەنسە ماددىي كۈچكە ئايلىنىدۇ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە نەزەرىيەسى ئامما بىلەن بىرلەشكەندىلا، ئاندىن دۇنيانى ئۆزگەرتىپ، ئەسەبىيلىكنىڭ چۈمپەردىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۇنى تەنقىد قىلىدىغان ماددىي كۈچكە ئۆزگىرىدۇ، ئۇنىڭ ئامما تەرىپىدىن ئىگىلىنىشى چوڭقۇرلاشقانسېرى، ئۇ نامايان قىلىدىغان ئۆزگەرتىشمۇ شۇنچە زور بولىدۇ. ئامما تۈرلۈك بۇرمىلانغان تەشۋىقاتنىڭ ساختا ئىلمىيلىكىنى ئىگىلىگەن ھەم ماركسىزمنىڭ ئىدىيە قورالىدىن ئاڭلىق پايدىلىنىپ، ئۇنى ئۆز ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلدۇرغان ۋاقىت دەل ماركسىزملىق نەزەرىيەنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلغان ۋاقتى بولىدۇ. ماركسىزم نەزەرىيەسى ئاممىنىڭ دۈشمەن بىلەن كۈرەش قىلىش ئېھتىياجى ۋە تەلىپىنى قاندۇرغان ۋاقىت دەل ئاممىنىڭ نەزەرىيە ئىقتىدارىنىڭ ئۆسكەن ھەم تەدرىجىي پىشىپ يېتىلگەن ۋاقتى بولىدۇ.

        2. مەقسەت ۋە مەۋقەدە چىڭ تۇرۇشتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك

        ‹‹ئاڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا تولۇق بىلىشكە ئايلانغاندىلا ئاندىن مەۋجۇت بولالايدۇ، ئەمما ئادەملەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى دەل ئۇلارنىڭ رېئال تۇرمۇشىدا بولىدۇ››. ئىدېئولوگىيە رېئال تۇرمۇشنىڭ ئىنكاسى، شۇڭا، ئىدېئولوگىيە مەسىلىسىنى يالغۇز رېئال تۇرمۇشتىن ئىزدىمەستىن، ئەكسىچە رېئال ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ھەل قىلىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى ئەڭ چوڭ تىپىك مەسىلىدۇر، نامراتلارنى يۆلەش مەسىلىسى خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىدىكى قىيىن نۇقتىدۇر. شۇڭا، دەل جايىدا نامراتلارنى يۆلەش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ مەقسىتى ۋە تۇتقىسىدۇر.

        (1) دەل جايىدا يۆلەش: ئىلگىرىكى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە كۆرۈلگەن ئۈنۈم ئاساسىدا تېخىمۇ تىرىشىش كېرەك

        جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپىنچە يېرى چېگرا رايون، مىللىي رايون، ئېگىزلىك، قاقاسلىق بولۇپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلاردۇر. بۇ جايلاردا نوپۇس زىچ، نامراتلىق ئېغىر، شەھەرلىشىش سەۋىيەسى تۆۋەن، سۇ كەمچىل، تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈز بېرىدۇ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتى جىددىي، ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدا، 2020 – يىلى ‹‹ھازىرقى ئۆلچەم ئاساسىدا، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ <نامرات ناھىيە> دېگەن قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاش، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا ئاساسىي جەھەتتىن يېتىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئۈچۈن ئومۇمىي تەپەككۇر، ئاساسىي تاكتىكا، ھەرىكەت لۇشيەنى ۋە كاپالەت تەدبىرلىرى بېكىتىلدى. بۇ ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دەل جايىدا نامراتلارنى يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ بەردى، ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىكىلەرنىڭ مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە مۇستەھكەم ئىستىھكامغا ھۇجۇم قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ دەل جايىدا نامراتلارنى يۆلەش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى زىممىسىگە ئالىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

        2020 – يىلى يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ۋاقىت ئىنتايىن جىددىي، ۋەزىپە ئىنتايىن مۈشكۈل. بىز نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە ئىلگىرىكى نەتىجىلەر ئاساسىدا تېخىمۇ تىرىشىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، نامرات ئاھالىنى پەرقلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئاساسىنى پۇختىلاپ، نامراتلارنى يۆلەش بايلىقىنى ئۈنۈملۈك تەقسىملىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹ئۈچ ئەل›› خىزمىتى بويىچە يېزىلارغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىغا تايىنىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا تارقىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرىكەتلىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، نامراتلىقنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

        (2) ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى

        ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ‹‹ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە. جەنۇبىي شىنجاڭدا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەلرايى قۇرۇلۇشى، ئاساس قۇرۇلۇش. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىدۇر، شۇڭا شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئەمىن تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ياخشى ھەل قىلىش كېرەك››.

        جەنۇبىي شىنجاڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بارلارنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوللاش، ئەمگەك ئىقتىدارى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسى بار نامرات ئاھالىلەرگە ئۆسۈمسىز قەرز بېرىش، مەبلەغ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلەش، ئېچىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان نامرات كەنتلەردىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك كۆچۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، ئەمگەك ئىقتىدارى يوقلارغا قارىتا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق يۆلەش تەدبىرىنى يولغا قويۇش، كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەنلەرنى داۋالاش ياردىمى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق 2020 – يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

        (3) مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش: ئىقتىدارى يېتەرلىك بولمىسا مائارىپ ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك

        5 – ئومۇمىي يىغىننىڭ ئاخباراتىدا ‹‹تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش›› ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ جەھەتتە جەنۇبىي شىنجاڭ مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىۋاتىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپىنى جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ كەلدى. مەركەزنىڭ ئىككى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە بەش قېتىملىق يىغىننىڭ ھەممىسىدە مائارىپ نۇقتىلىق خىزمەت سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدا 14 يىلدىن بۇيان ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلدى، يەسلى مائارىپىدىن تارتىپ ئالىي مائارىپقىچە بولغان 47 تۈرلۈك سىياسەت ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش سىستېمىسى ئورنىتىلدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى %84كە، ئالىي مائارىپقا كىرىش نىسبىتى %31كە، <<قوش تىل>> مائارىپىدا ئوقۇۋاتقانلار 2 مىليونغا يەتتى. جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپى سان جەھەتتىنلا ئەمەس، سۈپەت جەھەتتىنمۇ ياخشىلىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ئاساس سېلىندى.

        دېمەك ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ۋە نامراتلارنى يۆلەش مەسىلىسىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى قىيىن مەسىلە ھەل قىلىنسا، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى بەش چوڭ تەرەققىيات قارىشى بويىچە سىستېمىلىق ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نەزەرىيە ئاساسى ۋە ماددىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

        