مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھىت

    2-تۈركۈمدىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدە ئاۋۋال ئۈلگە كۆرسىتىلىدىغان رايونلار تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

    ئايگۈل2016-02-01 18:45:04شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

       يېقىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار 2-تۈركۈمدىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدە ئاۋۋال ئۈلگە كۆرسىتىلىدىغان رايونلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 1-شىسى ئارال شەھىرى تىزىملىك قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇ ـــ دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدە ئۈلگە كۆرسىتىلىدىغان رايونلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بىڭتۈەندىكى تۇنجى شەھەر ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، ئارال شەھىرى 20گە يېقىن دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق تۈەن- مەيدانى ۋە 10 دىن كۆپرەك ئوتتۇرا، كىچىك شەھەر-بازىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، چېگرا رايوندا بوستانلىق بىنا قىلدى.