مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھىت

    كۆپلەپ بۇلغىما چىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ يەنە ‹‹باشباشتاقلىق›› قىلىشىغا يول قويماسلىق كېرەك

    بۇئايشەم2016-01-29 12:31:20شىنجاڭ گېزىتى

        ليۇ شياۋرېن

        يېڭى يىللىق دەم ئېلىشتا شىمالىي جۇڭگودىكى بىر قىسىم جايلار يەنە كۈلرەڭ تۇماننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. مەسىلە زادى قەيەردە؟ يېقىندا مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ شىمالىي جۇڭگو رايونىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بۇنىڭغا جاۋاب بەردى: ئېغىر سانائەت كەسىپلىرى شىمالىي جۇڭگو رايونىدا مۇھىت بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل .

        بەزى جايلاردا شاللىۋېتىشكە تېگىشلىك كەسىپلەر يەنىلا مەۋجۇت، بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى كارخانىلار ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلمىگەن؛ بەزى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە كارخانىلىرى گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش ۋە تۆۋەن كاربونسىزلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورناتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىشلىتىلمىگەن...

        بۇ كارخانىلارنىڭ بەزىلىرى خەلق تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بەزىلىرى يەرلىككە باج تاپشۇرىدىغان چوڭ كارخانا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۇلارنىڭ مۇھىت ئاسراش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدۇ. ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا تېگىشلىكلىرى توختىتىلمايدۇ، جازا بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە جازا بېرىلمەيدۇ، بۇ، مۇھىت ئاسراش قانۇن – بەلگىلىمىلىرىنىڭ نوپۇزىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە بۇ كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ دەرىجىسىنى ئۆزگەرتىشىگە بېسىم پەيدا قىلالمىغان، شۇڭا ئۇلار ئۆز بېشىمچىلىق قىلىۋەرگەن.

        مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇلغىما چىقىرىدىغان كارخانىلارنى تېگىشلىك يوسۇندا قاتتىق جازالاش كېرەك. پەقەت كەسكىن تەدبىر قوللانغاندىلا، ئاندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى پاسسىپ ۋەزىيەتنى ئۈزۈل – كېسىل ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپلەپ بۇلغىما چىقىرىدىغان كارخانىلارنى يەنىلا قوللاۋاتقان بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنى چاقىرتىپ سۆھبەتلەشكەندىن باشقا، يەنە بىۋاسىتە مەسئۇل كىشىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. پەقەت قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، تۈزەش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتقاندىلا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئالىدىغان بولىدۇ.

        