مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھىت

    بۇلغىنىشنى تۈزەشتە رەھبىرىي كادىرلار بەكرەك كۈچىشى كېرەك

    بۇئايشەم2016-01-29 12:31:25شىنجاڭ گېزىتى

       جاڭ جىفېڭ

       ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، شىمالىي جۇڭگونىڭ خۇاڭخې، خۇەيخې دەرياسى بويلىرىدا تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلدى. ھاۋانىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن شامال چىقىشىنى كۈتمەسلىك كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن پائال، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولغان ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

        بۇلغىنىشنى تۈزەش ئاسان ئەمەس، لېكىن ئىش ئادەمگە باغلىق. غەربىي رايوندىكى مەلۇم بىر شەھەر نېفىت – خىمىيە، مېتال تاۋلاشنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ شەھەردە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى يوشۇرۇن خەۋپ بولۇپ قالغان، پۇقرالارنىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن پىكرى كۈچلۈك. ئىلگىرى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تۈزەش نىيىتىگە كېلىپ، بۇلغىنىشنى تۈزەشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ جەڭ بۇرغىسىنى ياڭرىتىپ، تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرغان. كۆپ تەرەپنىڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا، مەزكۇر شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولغان.

        ھاۋا بۇلغىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاش – ياخشىلىيالماسلىقتا ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە ئىرادىسى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. 2013 – يىلىنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭ شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن يېرىمغىمۇ يەتمىگەن بولۇپ، ئۇدا ئىككى يىل مەملىكەتتىكى ھاۋا سۈپىتى نۇقتىلىق باھالىنىدىغان 74 شەھەر ئىچىدە قارا تىزىملىككە كىرگەن ئالدىنقى ئون شەھەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئولتۇرالماي قالغان: بۇلغىنىشنى تۈزەشنى قىلسىمۇ بولىدىغان – قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىش بولماستىن، بەلكى جەزمەن قىلىدىغان، جەزمەن ياخشى قىلىدىغان خىزمەت. سىياسىي تەدبىرلەر بېكىتىلدى، ئەمما ئاچقۇچ يەنىلا كادىرلاردا، ئىجرا قىلىشتا. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت شۇ يىلى 9 – ئايدىن باشلاپ شىنىڭ شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتى يەنە ‹‹قارا تىزىملىك››كە كىرىپ قالسا، شەھەر ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە ئۆزىنى تەكشۈرىدۇ؛ بۇلغىنىشنى تۈزەش پۇقرالارغا مەسئۇل بولغانلىق، كىم مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسا، شۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىمىز، دەپ كۈچلۈك تەلەپ قىلدى. شىنىڭ شەھىرى ناھىيە، رايون، يېزا – بازار، كوچىلارغىچە قاتلاممۇ قاتلام بېسىم چۈشكەچكە، تۈزەش سالمىقى قاتتىق تۇتۇلدى. بىرقانچە ئايدىن كېيىن، شىنىڭ شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن يىللىق ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى ئىزچىل %70 تىن يۇقىرى بولۇش سەۋىيەسىنى ساقلىدى.

        جايلارنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى، جۇغراپىيەلىك مۇھىتى، ھاۋا شارائىتى زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ، تۇماننىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەندە، داۋاملىق تۇتۇپ ئىشلىگەندە ئاندىن ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.

        تۇماننىڭ پەيدا بولۇش ئامىللىرى كۆپ. تۇمان كۆپ كۆرۈلىدىغان جايلارنىڭ بۇلغىما مەنبەسىنى تەھلىل قىلىشتىن قارىغاندا، سانائەت كارخانىلىرى بۇلغىما چىقىرىدىغان ئاساسلىق مەنبە ئىكەن. بەزى كارخانىلار پايدىنى كۆزلەپ، ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بۇلغىمىلارنى ئوغرىلىقچە قويۇپ بېرىدۇ. ھۆكۈمەت نەزەرىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا قارىتىپ، كارخانىلارنىڭ بۇلغىما چىقىرىش قىلمىشىنى قاتتىق چەكلىشى كېرەك. بەزى جايلارنىڭ ئەمەلدارلىرى تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئېنىق بىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي مەسىلىگە يولۇققاندا دېلىغۇل بولۇپ قالىدۇ. بەزىلىرى تىپنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئىش بېجىرىشكە ئادەتلىنىپ قالغان، بۇ ھېسسىياتتىكى مەسىلە؛ بەزىلىرى ئۆزگەرتىشنى بىلمەيدۇ، يېڭىلىق يارىتىشنى بىلمەيدۇ، ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى بىلمەيدۇ، بۇ ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقىدۇر؛ بەزىلىرى تىپنى ئۆزگەرتىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، دېلىغۇللۇق پاتقىقىغا پېتىپ قالغان، GDP نىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، بۇ، شەخستىكى لىڭتاسمىلىق مەسىلىسىدۇر.

        بەزى جايلارنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ بۇلغىنىشنى تۈزەش، مۇھىت قوغداش جەھەتتە يەنىمۇ كۈچىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ‹‹يېشىل تەرەققىيات›› قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ھەم ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش ، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولغان نەتىجە باھالاش سىستېمىسى ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش زۆرۈر. كىشىلەر يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي ئېغىشماي ماڭىدىغان رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇلغىنىشنى تۈزەش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ.