مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    تەمكىنلىك سىزگە يار بولسۇن

    بۇئايشەم2016-01-29 12:31:33شىنجاڭ گېزىتى

        دولقۇن تۇرسۇن

        تەمكىنلىك مىجەزدىكى ئوچۇقلۇق، كەيپىياتتىكى جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈلۈك، مۇئامىلىدىكى ئىللىقلىق، مۇناسىۋەتتىكى ماھىرلىق بىر گەۋدىلەشكەن قەلىب گۈزەللىكىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى بولۇپ، كىشىلەرگە گۈزەللىك، ئەخلاقىي – پەزىلەت، خۇشاللىق، مۇۋەپپەقىيەت شۇنداقلا ئادىمىيلىك ئاتا قىلىشتا كەم بولسا بولمايدۇ. شۇڭا تەمكىن بولۇش ئېسىل خىسلەت ھېىسابلىنىدۇ.

        رېئال تۇرمۇشنى كۆزىتىدىغان بولساق، مەيلى باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىكى مۇئامىلىلەردە بولسۇن ياكى تۇرمۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئالاقىدا بولسۇن ئالدىراقسانلىقتىن، بىر تەرەپلىمىلىكتىن ساقلىنىپ، ئىشلارغا ئوبيېكتىپ قاراپ، ھەر ۋاقىت تەمكىنلىكنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ ياشاشنى ئادەت قىلىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ مىجەز خاراكتېرى ئوچۇق، چىقىشقاق، كەمتەر بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز. بۇنداق كىشىلەر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلگەچكە، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىمۇ مەيۈسلىنىپ كەتمەيدۇ.

        ئەمەلىيەتتە كىشىلەر تەمكىن بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما ئوخشىمىغان ئاڭ، ئوخشىمىغان پىسخىك ھېسسىيات، ئوخشىمىغان خاراكتېر بىر قىسىم كىشىلەرنى تۇرمۇشقا، كىشىلەرگە، شۇنداقلا دۇنياغا ئوخشىمىغان ھالدا مۇئامىلە قىلىپ ياشايدىغان ئادەتكە ئىگە قىلىپ قويىدۇ. بەزىلەر باشقىلارنىڭ سەمىمىي كۆرسىتىپ بېرىشى بىلەن ئۆزىدە ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەرنى دادىللىق بىلەن تۈزىتىش تەرەپدارىدا بولۇپ، مەسىلىلەرنى ئىجابىي تەرەپتىن مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ، ھەتتا ئاخىر ئۆزىنىڭ تەمكىنلىكى ئارقىلىق ئاۋام – خەلقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. بىز بۇ تەرەپلەردىكى يېتەكلەش، ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ توغرا بولغان كىشىلىك مۇئامىلە، مۇناسىۋەت، پىسخىك كەيپىيات تەڭشەش قارىشىنى تىكلەپ، جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ روھ يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.

        