مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    ھەسەتخورلۇقنى جازالاشنىڭ ئۈنۈملۈك دورىسى روھلۇق يۈرۈش

    بۇئايشەم2016-01-29 12:31:38شىنجاڭ گېزىتى

        ئابلىمىت ئابلىز

        تۇرمۇش كىشىلىك مۇناسىۋەتسىز بولمايدۇ. تۇرمۇشىمىزغا خۇشاللىق بىلەن غەم – قايغۇ، قىيىنچىلىقلار ھەمراھ بولغان بولىدۇ. خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولغاندا، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۆزئارا ياردەم، كۆيۈنۈش بولغاندا، تۇرمۇش ئاندىن ھەقىقىي مەنىسىنى تاپقان بولىدۇ. لېكىن كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ، ئەخلاقىي – پەزىلەت قاراشلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ھەسەتخورلۇقنىڭ ھارام شاخلىرى بولغان كۆرەلمەسلىك، پىتنە – پاسات تارقىتىش، تۆھمەت قىلىش، دورامچىلىق قىلىش قاتارلىق خاھىشلار بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيىتىگە سىڭىپ كىرىپ، روھىنى، جىسمىنى چىرىتىپ، ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپخورلۇق، ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ مۇنبەت ئېتىزى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.

        ھەسەتخورلۇقتىن ئىبارەت بۇ كېسەل ھەر قانداق كىشىنىڭ مەنىۋىيىتىدە بولىدۇ. لېكىن ئۇنى ئىجابىي جەھەتتىن ئۆزىمىزگە خىزمەت قىلدۇرالىساق، ئۇ ئىشلىرىمىزنىڭ ئىلگىرى بېسىشىدا مۇھىم رول ئويناپ قېلىشى مۇمكىن. باشقىلارنىڭ ئۇتۇقىغا ھەۋەس قىلغان كىشى ئۆزى ئالغا باسالايدۇ. ئەكسىچە ھەسەتخورلۇقنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغىنىمىزدا، ئۇ تۇرمۇش يولىمىزدىكى بىر مەرەزگە ئايلىنىپ، بىزنى تۇرمۇشتا مەنىۋى، جىسمانىي جەھەتتىن دۈشمەنگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.

        نۆۋەتتە، جەمئىيىتىمىزدە ھەسەتخورلۇق تۈپەيلىدىن بىراۋنىڭ ئۈستىدىن پىتنە – پاسات تارقىتىدىغان، بىراۋ خىزمەتتە نەتىجە قازانسا، رەھبەرلىككە ئۇنىڭ يامان تەرەپلىرىنى يەتكۈزىدىغان، گەپ توشۇيدىغان، كىشىلەرگە قارا چاپلايدىغان ناچار خاھىشلار ئەدەپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنداق خاھىشلار ھەسەتخورلۇقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ‹‹ئاقنى قارا دېگەنگە قارا بولۇپ قالمىسىمۇ، قارامتۇل كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالىدۇ››. ھەسەتخور كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرمەي، ئەيىبىنىلا كۆرىدۇ. ھەسەتخورلار ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىدىن ئوزۇق ئالالمىسا، چوقۇم باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى تېپىپ، ئۇنى ئۆزىگە ئوزۇق قىلىدۇ. ھەسەتخورلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولمايدۇ، ئۇلار باشقىلارنىڭ خۇشاللىقى، مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يوق قىلىش ھېسابىغا ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدۇ. پىتنە – پاسات بىر جۈملە سۆز بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭدىن ساقلانماق، ئۆزىنى ئاقلىماق بەسى مۈشكۈل. پىتنە – پاسات ئىسپاتلانمىغان تەقدىردە ئۇ ئادەمگە بىر ئۆمۈر داغ قالدۇرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ھەسەتخورلۇقنىڭ بىر خىل كېسەللىك ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى. بۇ كېسەللىك ئۆز نۆۋىتىدە شۇ كىشىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سېلىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ تەرەققىيات يولىغىمۇ توسالغۇ بولىدۇ.

        يېقىندا مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىسى مەملىكەت خاراكتېرلىك بىر مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن، مۇخبىر ئۇنى زىيارەت قىپتۇ، زىيارەت خاتىرىسىمۇ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنىپتۇ. ئەپسۇس، خىزمەتداشلىرى ئۇنى تەبرىكلەپمۇ قويماپتۇ، ھەتتا ئېغىزىنىڭ ئۇچىدا بولسىمۇ ئۇنى ماختاپ قويماپتۇ، مەكتەپ مۇدىرىمۇ ئىنكاس بىلدۈرمەپتۇ. خىزمەتداشلار ئارىسىدا ئۆزئارا قوللاش، ئىناقلىق بولغاندا، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆگىتىش مۇھىتى بولسا ھەممىسىنىڭ خىزمىتىدە ئىلگىرىلەش بولۇپ، ياخشى خىزمەت مۇھىتى بەرپا بولاتتى ئەمەسمۇ؟! خىزمەتتە ئۆزئارا ياردەم بېرىش، بىلگىنىنى ئۆگىتىپ قويغانغا، باشقىلار سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ھەرگىزمۇ ئۆتۈپ كەتمەيدۇ، باشقىلارنىڭ نەتىجىسىنى قۇتلۇقلاپ قويسىڭىز سىزدىن نېمە كېتەتتى!؟

        ھەسەتخورلۇق يوقالمايدۇ، ھەسەتخورلارمۇ تۈگەپ قالمايدۇ، گەپ ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشتا. ئەمەلىيەتتە ھەسەتخورلارنىڭ بولغىنىمۇ ياخشى ئىش. چۈنكى ئادەم بەزى چاغلاردا ياخشى كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىماسلىقى ياكى ماختاشلاردىن قانائەتلىنىپ، ئۆزىگە بولغان تەلەپچانلىقىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. ھەسەتخور بار جايدا بولسا ئادەم ھەر زامان ھوشيار تۇرىدۇ، ئۆزىنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. ھەسەتخورلارنى جازالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى تېخىمۇ روھلۇق يۈرۈشتۇر.

        