مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    مىڭ نەسىھەتكە بىر نەسىھەت

    بۇئايشەم2016-01-29 12:31:17شىنجاڭ گېزىتى

        مۇھەممەت ئابدۇللا

        ئىنسان ھاياتىدا پەرزەنتلىرىگە ئاتا – ئانىلىق، ئۇستازلىق، ئەجدادلىق بۇرچلىرى نۇقتىسىدىن نەسىھەت قىلغۇچىدۇر. گەرچە نەسىھەتنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرى بولمىسىمۇ، بەزىدە دەل ۋاقتىدا قىلىنغان نەسىھەت شىپالىق دورىدەك پايدىلىقتۇر. نەسىھەتنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ھەددى – ھېسابسىزلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىدە.

        مۇددىئاسى توغرا، سەمىمىي، دوستانە نەسىھەت ئاڭلىغۇچىغا دوستلۇق ھېسسىياتى، ئىشەنچ ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسى بېرىدۇ. نەسىھەت قىلغۇچى ئەكسىچە سورۇن تاللىماي، باشقىلارنىڭ كەيپىياتىنى نەزەرگە ئالماي، ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشتەك ئۇسۇلنى قوللانسا، زىددىيەت ئۇرۇقلىرىنى چاچقان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نەسىھەت قىلغۇچى سەمىمىي بولۇشى لازىم. بىر كۈنى يولدا مۇنداق بىر ئىشنى كۆردۈم. بىر ئانا مەكتەپتىن قايتقان بالىسىغا قاراپ سۆزلەۋاتاتتى، ‹‹ھەي ئىنجىمارۇق، ئۆزۈڭدىن كىچىك ھاراملىقتىن تاياق يەپ، يىغلاپ يۈردۈڭما! سېنىڭ قولۇڭدا تاياق توختىمامدا؟ ئۆلمەيدىغان يېرىگە تازا ئۇرساڭ بولمامدۇ؟...›› مانا بۇنى نەسىھەت دېگەندىن كۆرە قۇتراتقۇلۇق دېگەن تۈزۈك. ئەگەر بالا مۇشۇ نەسىھەت بويىچە ئىش كۆرسە قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقار؟ ئۇ بالا مۇشۇ رەۋىشتە ئۆسۈپ يېتىلسە قانداق ئادەم بولۇپ چىقار؟

        ھاقارەتلەش، قورقۇتۇش، تەن جازاسى بېرىش، قەسەم قىلدۇرۇش ھەرگىزمۇ ياخشى ئۇسۇل ئەمەس. قارشى تەرەپنىڭ سەۋەنلىكىگە ئېسىلىۋېلىپ ئەزۋەيلەش، ھاقارەتلەش ئورنىغا يۇمۇرىستىك چاقچاقنىڭ ئۈنۈمى ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. مەقسەت پەقەت قارشى تەرەپنىڭ ئىللىتىنى تاشلاتقۇزۇشتۇر. ئاتامدىن مۇنداق بىر نەسىھەتنى ئىشىتكىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە، بايراملىق دەم ئېلىشتا يۇرتقا قايتقىنىمدا، بىر كۈنى ئاتام ئۆزى يالغۇز ئىشىك ئورنىتىۋېتىپتۇ.

        مەن كەلگەندە قىلسىڭىز بولمامدۇ؟ ئوغلىڭىز يوقتەك جاپا تارتقۇچە، دېدىم مەن ئۈستبېشى توپا – چاڭغا مىلەنگەن ئاتامغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئاتام ئارقىغا ئۆرۈلۈپ، تەقى – تۇرقۇمغا زەم سېلىپ قارىغاندىن كېيىن، توغرا ئېيتىسەن بالام، ئەسلىدىغۇ بالىلىرىمنىڭ تۇنجىسى ئوغۇل دەپ يۈرەتتىم، ھازىر تۇرقىدىن قايسى ئوغۇل، قايسى قىزلىقىنى پەرق ئېتەلمەي، ئەركىشىدىن يالغۇز ئۆزۈملا بار ئوخشايمەن دەپ ئۆزۈم قىلىۋەردىم، دېدى كۈلۈمسىرەپ. مەن شۇ كېچىسى زادىلا ئۇخلىيالمىدىم. ئەتىسى مۈرەمگە چۈشكەن چېچىمنى كېسىۋېتىپ، بوينۇمدىكى زەنجىرىمنى ئېلىۋەتتىم، كەڭ پۇچقاقلىق ئىشتىنىمنى، ئارا پاشنىلىق ئايىغىمنى ئالماشتۇردۇم. شۇنىڭدىن كېيىن غەلىتە ياسىنىشنى خىيالمۇ قىلمايدىغان بولدۇم. شۇ ۋاقىتتا دادام ‹‹ھەي، سېنىڭ نەرىڭ ئوقۇتقۇچى، نەرىڭ بىر ئاتا؟! سەن مۇشۇنداق تۇرساڭ، ئوقۇغۇچىلىرىڭ، ئاۋۇ بالاڭ نېمىلەرنى قىلار؟›› دەپ تىل سالغان بولسىمۇ بولۇۋېرەتتى، بىراق دادام چاقچاق ئارقىلىق مېنىڭ تاشقى قىياپەت نۇقسانىمنى ماھىرلىق بىلەن تۈزەتتى.

        نەسىھەتنى تەھدىت، ۋەھىمە سېلىش ۋە ۋەدە – قەسەملەرگە قىستىسا ياخشى بولمايدۇ. ئىللەتنىڭ قايتا تەكرارلىنىشى قانداق ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى شۇنداق چۈشەندۈرۈش كېرەككى، ‹‹ئەمدى مۇشۇنداق قىلساڭ ئۆيدىن يوقال، ئىككىنچىلەپ مۇشۇنداق قىلىدىكەنسەن قۇلىقىڭنى تامغا مىخلاپ قويمايدىغان بولسام، پاقالچىقىڭنى چېقىۋەتمىسەم...›› دېيىشلەر، خاتالىقنى قايتا سادىر قىلىپ قويغان بالىلارنىڭ ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كېتىشىگە ۋە ياكى قاپ يۈرەك بولۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن. ئۆز نۆۋىتىدە قول ئىشارىسى، كۆز ئىپادىسى ۋە باشقا مىمىكىلىق ھەرىكەتلەر نۇرغۇنلىغان ۋەز ئېيتىش ۋە ئەزۋەيلەشلەردىن ئۈنۈملۈك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

        نەسىھەت تەلىم – تەربىيە شەكىللىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىشچانلىققا ئىگە. شۇڭا ئۇ يېتەرلىك مىتودىكا، مۇناسىپ ئۇسۇل، مۇۋاپىق سورۇن، مول تىل بايلىقى ۋە ئىپادىلەش ماھارىتى قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىنى ۋە قوللاشقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىر – بىرسىنىڭ ئىللىتىنى باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە سېلىشتۇرۇش، پەرزەنتلىرىنىڭ نەتىجىسىنى باشقا بالىلارنىڭ نەتىجىسى بىلەن سېلىشتۈرۈش نەسىھەت تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىپ، قىزغىن ھېسسىياتقا ئۈششۈك چۈشۈرۈپ، قاتماللىقنى چىللايدۇ. شۇڭا نەسىھەت ئورۇنلۇق بولغىنى ياخشى.

        