مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    ئىلمىي فانتازىيە ئىجادىيىتى ۋە بىزدىكى رېئاللىق

    بۇئايشەم2016-01-25 11:35:50شىنجاڭ گېزىتى

        فانتازىيە دېگەن سۆز تىلىمىزغا ئىنگلىزچىدىكى ‹‹Fantasion›› دېگەن سۆزدىن ئۆزلەشكەن بولۇپ، ‹‹خىيال قىلماق›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

        ئەدەبىيات دەسلىپىدىلا ئىنسانلارنىڭ خىيال ۋە ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى ۋاسىتە سۈپىتىدە بارلىققا كەلگەن. ئەپسانە، رىۋايەتلەر قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ تىپىك فانتازىيەلىك ئەسەرلىرىدۇر. ئەپسانە، رىۋايەتلەرنىڭ شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇن ياكى يېقىنراق كەلگەنلىرى ئىلىم – پەن كەشپىياتلىرىنىڭ روياپقا چىقىشىغا ماياك بولغان. تەبىئىي قانۇنىيەتلەرگە نامۇۋاپىق ياكى يىراق بولغانلىرى كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل ئاچىدىغان مەنىۋى ئەرمىكى بولۇپلا قالماستىن، بەزىلىرى كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەربىيە بېرىش ئۈنۈمىنى ئوينىغان. ‹‹ئۇچار ئات››، ‹‹ئۇچار گىلەم››، ‹‹جاھان ئەينىكى›› دېگەنگە ئوخشاش ئەپسانىلەر قەدىمكى كىشىلەرنىڭ تەبىئەت مۈشكۈلاتلىرىنى يېنىكلىتىپ، ھاياتنى قولايلاشتۇرۇشتەك ئارزۇ – ئارمانلىرىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، يېقىنقى زامانلاردىكى ئىلىم – پەن كەشپىياتلىرىنى بىخلاندۇرغان ۋە ئىلمىي فانتازىيەنىڭ بارلىققا كېلىشنى ئىلگىرى سۈرگەن.

        ئىلمىي فانتازىيەنىڭ مەنبەسى قەدىمكى گىرىك، رىم ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەپسانە – رىۋايەتلىرىگە تۇتىشىدىغان بولسىمۇ، لېكىن يازما ئەدەبىياتنىڭ رەسمىي بىر تارمىقى بولۇپ شەكىللەنگىنىگە 200 يىلچە بولدى. ئۇيغۇرلار 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا يى يوڭلېينىڭ ‹‹سىرلىق كىيىم››، ژىيول ۋىرننىڭ ‹‹دېڭىز ئاستىدىكى 80 مىڭ چاقىرىملىق سەپەر››، ئالىكساندىر بىرىيايىفنىڭ ‹‹پىروفېسسور تاۋىرنىڭ بېشى››، ‹‹يالماۋۇز ئۈچبۇرجەك ۋە UFO›› ۋە ‹‹ئىلمىي فانتازىيەلىك ھېكايىلەر››، ‹‹گۆر ئاغزىدىن قايتىش›› قاتارلىق ئەسەرلەر ئارقىلىق چەت ئەل ۋە جۇڭگونىڭ ئىلمىي فانتازىيە ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىلھامى ۋە تۈرتكىسىدە ئىلمىي فانتازىيە يېزىقچىلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بىر تۈركۈم يازغۇچىلار مەيدانغا كەلدى. سۇلتان ھاشىمنىڭ ‹‹يىلانلىق قورۇق››، ئەركىن ئەمەتنىڭ ‹‹خەتەرلىك سەپەر››، پەخرىدىن مۇسانىڭ ‹‹ھالاكەت گىردابىدا››، ‹‹باش ئەگىمدىكى رىۋايەت›› قاتارلىق ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلىرى نەشر قىلىندى. بىراق بىزدە ئىلمىي فانتازىيە ئىجادىيىتى مەيلى سان ياكى سۈپەت جەھەتتىن خېلىلا ئارقىدا تۇرماقتا. بىز ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەرنى مەتبۇئات ۋە ئېكرانلاردا تەرجىمە ۋاسىتىسى ئارقىلىق كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بولساقمۇ، لېكىن بىز بۇنداق ئەدەبىياتنىڭ ئالاھىدىلىكى، تارىخى، ژانىرى، رولى، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچىگە ۋە ئەتراپلىق تونۇشقا ئىگە ئەمەسمىز.

        ئانا مەدەنىيەت تۇپرىقىدا يېتىلگەن ئىلمىي فانتازىيە ئىجادىيىتىنىڭ سان ۋە سۈپەت جەھەتتە بەلگىلىك كۆلەم ۋە سەۋىيەگە يېتىشى نەتىجىسىدە تۈرلۈك ئىلمىي ئىختىرا – كەشپىيات ئۈچۈن ئىلھامبەخش مۇھىت يارىتىپ، دەۋر كىشىلىرىمىزنىڭ ئىجادچانلىق ئېڭىنى زەرەتلەپ، ئىلمىي تەسەۋۋۇر كۈچىنى قاناتلاندۇرۇپ، مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن چىڭ تۇرۇپ ياشاش، ياشاش ئۈچۈن شىجائەت بىلەن يارىتىش ۋە قۇرۇش ئىستىكىنى ئۇلغايتقىلى بولىدۇ.

        رۇسىيەلىك مەشھۇر ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىسى ئىساك ئاسموۋ ‹‹ئىلمىي فانتازىيە ئەدەبىياتنىڭ بىر تارمىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاساسەن خىيالى جەمئىيەتنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ جەمئىيەتنىڭ رېئال جەمئىيەت بىلەن بولغان پەرقى پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋىيەسىدە ئىپادىلىنىدۇ›› دەيدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ‹‹خىيالىي جەمئىيەت›› ئىلمىي فانتازىيە ئارقىلىق ‹‹يارىتىلغان›› جەمئىيەتتۇر. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى مەنزىلىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. دېمەك، تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئامىلنى ئىستىسنا قىلىپ، نوقۇل ئەقلىي – ئىلمىي ئامىللارنى نەزەردە تۇتقاندا ‹‹خىيالىي جەمئىيەت›› بىلەن ‹‹رېئال جەمئىيەت››نى ئىلمىي فانتازىيە بىلەن پەن – تېخنىكا تۇتاشتۇرىدۇ.

        ئىلمىي فانتازىيە فانتازىيەلىك ئەسەرلەرنى مەنبە قىلغان. فانتازىيەلىك ئەسەرلەر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئەپسانە، رىۋايەتلەر ۋە يازما ئەدەبىياتتىكى رومانتىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدىن كېلىپ چىققان. ‹‹غەربكە ساياھەت›› تىپىك فانتازىيەلىك ئەسەر بولسىمۇ، لېكىن ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەر ئەمەس. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇنىڭدا ‹‹ئەرش ئوردىسىنى مالىمان قىلىش›› قا ئوخشاش نۇرغۇن رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ۋەقەلەر بولۇپ، ئۇ ئىنسانىيەت ھېلىغىچە بىلىپ يەتكەن ئىلىم – پەن قانۇنىيەتلىرى بىلەن سىغىشالمايدۇ. بۇنىڭدىن ئايانكى، ئىلمىي فانتازىيەنىڭ جېنى ۋە ئادەتتىكى فانتازىيەدىن پەرقى ئۇنىڭ ‹‹ئىلمىي››لىكىدە. ھېچقانداق پەننىي ئاساسى بولمىغان ۋە ئىلىم – پەننىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىدە ئازراقمۇ بېشارىتى كۆرۈلمىگەن غارايىباتلارنىڭ ئىلىم – پەن تەرەققىياتىنى خۇرۇج بىلەن تەمىن ئېتەلىشى ۋە ئۇنىڭغا غايىۋى مەنزىل سىزىپ بېرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.

        بۇنىڭدىن ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىلىرىغا قويۇلغان ئاساسىي تەلەپنى ھېس قىلالايمىز. يازماقچى بولغان ئەسىرىمىز ئىلىم – پەننىڭ قايسى ساھە، قايسى تارمىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن، ئالدى بىلەن شۇ ساھە، شۇ تارماق ھەققىدە ئاز – تولا ئاساسىي ساۋاتقا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك. بۇنداق ساۋات قانچىكى كەڭ ۋە چوڭقۇر بولسا ھەم ئۇنىڭغا كۈچلۈك بولغان ئىلمىي قىياسلار، ئالدىن كۆرەرلىكلەر، كەلگۈسىدە ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان بايقاشلار بەدىئىي ماھارەتكە قوشۇلۇپ كەلسە، يازغان ئەسىرىمىزنىڭ ‹‹ئىلمىي فانتازىيە ئەدەبىياتى››غا خاس خاراكتېرى شۇنچە گەۋدىلىك بولىدۇ. ئىلىم – پەن ئاساسىدىكى ئىلمىي قىياس ياكى ئىلمىي فانتازىيەلەر بىلەن بەدىئىي شەكىل ۋە مەزمۇن ئامىللىرى ئۈستىدە ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئىلمىيلىكى كۈچلۈك بولسىمۇ، بەدىئىيلىكى تۆۋەن بولسا، ئىلمىي تەسەۋۋۇر ھەققىدىكى بايان ماقالىسىگە ئايلىنىپ قېلىپ، ئەدەبىي تۈسىنى يوقىتىشى مۇمكىن. ئەدەبىي خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئىلمىيلىكى يوق بولسا ياكى ئىلمىي فانتازىيە ئېلېمېنتى كەم بولسا، ئۇنىڭ ئاممىۋى ئەدەبىياتتىن قىلچە پەرقى قالمايدۇ. كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدىغىنى شۇكى، ئىلمىي فانتازىيە ئىجادىيىتى ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان، جەمئىيەت تەسىس قىلغان، فوندى تەشكىللىگەن، خاس ژۇرنال ئەپكارلىرى بار بولغان ئەللەر بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن بولماي قالدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى ئۇرغۇتۇپ، مەۋجۇت تۇرمۇش ۋە مەۋجۇت شەكىللەر بىلەن قانائەتلەنمەستىن، غايىۋى تۇرمۇش ۋە غايىۋى شەكىللەر ئۈستىدە دادىل ئىزدىنىش جۈرئىتى ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش تەرەققىي تاپقان ئەللەر مائارىپىنىڭ تۈپ تەلىپى. ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەردىن زوقلىنىش ۋە ئىلمىي فانتازىيە يارىتىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش مائارىپ، ئىلىم – پەن، نەشرىيات تارماقلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈش، ھەتتا ‹‹بۆسۈش ئېغىزى›› قىلىپ كۈنتەرتىپكە قويۇش زۆرۈر بولغان تەخىرسىز ئىش. شۇڭا بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ۋە ئىلمىي مۇھاكىمىلەرنى جانلاندۇرۇش رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.