مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھىت

    ئېكولوگىيە ياخشىلاندى، ساياھەتچىلىكىمىز جانلاندى

    بۇئايشەم2016-01-25 11:29:13شىنجاڭ گېزىتى

        يېزا ئىگىلىك 3 – شىسى تورغات چارۋىچىلىق مەيدانى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇپ، چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى.

        تورغات چارۋىچىلىق مەيدانى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى تورغات چېگرا پورتىغا جايلاشقان بولۇپ، مەيداننىڭ يېشىل تاغ – يايلاقلىرى، ياۋا گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ تۇرىدىغان تەبىئىي مەنزىرىلىك جىلغىلىرى خاس ئۆزگىچە تەبىئىي گۈزەللىكنى مۇجەسسەملىگەن. كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقى، ئېنېرگىيە ئېچىش ۋە دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق ئۈچ چوڭ سانائەت كەسپى 2012 – يىلىدىن ئىلگىرى مەيداننىڭ ئاساسىي كەسىپلىرى ھېسابلىناتتى. مۇھىتنى ئاسراپ، چارۋىچىلارنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش مەيداندىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئىزچىل بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالغانىدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەيدان پارتكوم رەھبەرلىك كوللېكتىپىدىكىلەر كۆپ قېتىم نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ، ساياھەتچىلىكنى كۈچەيتىشكە قاراتتى. بۇ مەيدان ئېكولوگىيەلىك بازار قۇرۇلۇشىنى ھەر قايسى ئورۇن ۋە ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي نەتىجىسىنى يىللىق باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، يىل ئاخىرىدىكى ئىلغارلارنى باھالاشقا چېتىلدۇردى، ساياھەتچىلىك ۋە مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى كانچىلىق كەسپىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، مەيدان بويىچە ‹‹ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى، يېشىللاشقان، خەلقى باياشات، تەرەققىياتتا كۈچلۈك بازار قۇرۇش›› خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى ۋە ئېكولوگىيە ساياھەتچىلىكى، مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى بىرىكتۈرۈپ بىر تاختا شاھماتقا ئايلاندۇردى. بۇنىڭ بىلەن بۇلتۇر مەيداننىڭ ساياھەتچىلىك كىرىمى 2014 – يىلىدىكىدىن %5 ئاشتى.

        تۇركۈن سالىي بۇ مەيداندىكى كەشتىچىلەر جەمئىيىتىدە كەشتىچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئىشلىگەن قىرغىزلارنىڭ ھەر خىل نۇسخىدىكى تۇرمۇش ۋە سەنئەت بۇيۇملىرى ئىنتايىن كۆپ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كەشتىلىرىمىزنى ساتىدىغان جاي تاپالمايتتۇق، ھازىر مەيداندا كەشتىچىلىك جەمئىيىتى قۇرۇلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساياھەتچىلىك كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇلغاچقا، كەشتىلىرىمىزنى ساتالماسلىقتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق، ھازىر بىز ئىشلىگەن كەشتىلەر ئاتۇش، ئاقتۇ قاتارلىق جايلاردا سېتىلغاندىن سىرت، ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىمۇ سېتىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مەيدان بىزگە سىرتقا چىقىپ ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەچكە، نۇرغۇن يېڭىچە كەشتىچىلىك بىلىملىرىنى ئۆگەندۇق، ھازىر كەشتىلىرىمىزنىڭ تۈرى ۋە خىلى ناھايىتى كۆپ، كەشتىچىلىك كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇش ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى.

        ‹‹ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى، يېشىللاشقان، خەلقى باياشات، تەرەققىياتتا كۈچلۈك بازار قۇرۇش›› خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ، مەيدان ئىشتابىدىكى كونا قۇرۇلۇشلارنى چېقىپ يېڭىدىن سېلىش، كىچىك شەھەر – بازارنىڭ ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشىنى قانداق قىلىش، ئېكولوگىيە ساياھەتچىلىكنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلار مەيدان پارتكومىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىر سىناق بولدى. مەيدان يەنە سودا، ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇشتا يۇقىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەيدان ئىشتابىغا يېڭىدىن بىر يۈرۈش ئۆلچەملىك سودا دۇكانلىرىنى سېلىپ، چارۋىچىلارنىڭ تىجارەت قىلىشىغا بەردى.

        تەستە قولغا كېلىدىغان بۇ پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان قىرغىز چارۋىچى پەرىزات مابەيبېك 15 مىڭ يۈەن خەجلەپ دۇكاندىن بىرنى ئاچتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەيدانىمىزنىڭ شەھەر – بازارلىشىشىغا ئەگىشىپ، تىجارىتىممۇ كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، مەيدان ئىشتابىدىن ئۆيمۇ سېتىۋالدىم. ھازىر مەيدانىمىزدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولۇپ، مۇھىت ناھايىتى گۈزەللەشتى، ساياھەتچىلىك جانلىنىپ، مەيدانىمىزغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ساياھەتچىلەر مەيدانىمىزغا كەلگەندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن مەيدانىمىزنىڭ ساپ ھاۋاسى ۋە گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلىرىدىن ھۇزۇرلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىز ئىشلىگەن قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ خاتىرە قىلىشىدۇ، بۇ كىرىمىمىزنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولماقتا.

        ئۇقۇشىمچە، بۇ مەيدان قارابۇلاق يايلىقىنىڭ ساياھەت بايلىقىنى بىر تۇتاش ئېچىشنى پىلانلىغان بولۇپ، مەيدان پارتكومى ‹‹بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئومۇمىي تەرەققىيات پىلانى››، ‹‹يېزا ئىگىلىك 3 – شىسى تورغات چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئومۇمىي پىلانى››، ‹‹يېزا ئىگىلىك 3 – شىسى تورغات چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ قارابۇلاق ئېكولوگىيەلىك ساياھەتچىلىك رايونى ئومۇمىي پىلانى›› قاتارلىق بىر نەچچە تۈرلۈك تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ، تەرتىپلىك يولغا قويۇشقا باشلىغان ۋە مەيدان ئىشتابى ۋە ليەندۈي ئىشتابلىرىنىڭ يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىللىق بولسىلا ئاسراش، يېشىللاشتۇرۇشقا تېگىشلىك يەر بولسىلا يېشىللاشتۇرۇش، دەريا بويلىرى ۋە تاغ باغرىلىرىنى كۆكەرتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېكولوگىيەسى سەزگۈر رايون ۋە ئاساسى ئاجىز رايونلارنى قوغداش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش تۈرىدىن يەتتىنى تاماملاپ، 24 مىليون 330 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 360 مىڭ 100 مو يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. مەيدان بويىچە يېشىللاشتۇرۇلغان چوڭ – كىچىك يول 5000 مېتىرغا، دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %46كە يېتىپ، بىر قەدەر مۇكەممەل ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلگەن.

        تورغات چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لىن چاڭچىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 200 مىڭ مو يەردە چارۋامال بېقىشنى چەكلىدۇق، 100 مىڭ مو ئوتلاقنى ئارام ئالدۇردۇق، 317 مو يەرگە كۆچەت تىكىپ، تۇتۇش نىسبىتىنى %46كە يەتكۈزدۇق. مەيدانىمىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاپ، ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇش تەدبىرىنى بوشاشماستىن چىڭ تۇتۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشىمىز.

        